تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى يېزىش، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش كېرەك

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى يېزىش، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات - سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، تۈركۈم - تۈركۈم نادىر بەدىئىي ئوبرازلارنى ياراتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، ئەدەبىيات، تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، ئەلنەغمە، سېرك، خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى، ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر، سەنئەتكارلارنى چاقىرماقتا. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش - يېتەكلەش، ئالاقىلىشىش - ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش، تەلەپچان بولۇش - ھوقۇق قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەپ، يېڭى دەۋرنى يېزىپ، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، مىللەتكە يۈز كېلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە بولغان غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مۇھەببىتى تولۇق نامايان قىلىندى، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت قەلبكە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا مەنىۋى بايراقنى كۆتۈرۈپ، دەۋر روھىنى تاۋلاپ، ساپ قەلبنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، كەيپىياتنى يېتەكلەشكە باشلامچىلىق قىلىپ، جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق دەۋرگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بېغىشلاش كېرەك.

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر ۋە يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەڭلا 1949 - يىلى 7- ئايدا قۇرۇلغان. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 56 كوللېكتىپ ئەزادىن تەركىب تاپقان، ھازىر ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك شەخسىي ئەزاسىدىن 135 مىڭ كىشى بار. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسىدىن 46سى، شەخسىي ئەزاسىدىن 12 مىڭ كىشى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.