تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، دەل جايىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئۇزاققىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى 

 ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، دەل جايىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئۇزاققىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ياۋ تۇڭ

7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە خوتەندە ئېچىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شىلارنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەكىللەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈملەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى يەنىمۇ ئۇرغۇدى.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، دەل جايىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئۇزاققىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن خىزمەتلەرنى پۇختا، تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

 شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ خۇ مۇنداق بىلدۈردى: 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشتە، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكتىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «بىر باشلامچى، ئىككى قانات تەڭ پەرۋاز قىلىش»تەك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، كونا شەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 3- شىسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. جاڭ خۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ.» جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گو ۋېنچى مۇنداق دېدى: 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز چوقۇم يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىللىقلىقىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئاممىنى كۆرەلەيدىغان، بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندۈرىمىز.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى قۇرماش سېرجان مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ تۇپرىقىدا بارلىققا كەلگەن بارلىق ئۆزگىرىشلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

 باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىدىكى مۇھىم يېتەكچىسى.

كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت توغرىسىدا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پىلان تۈزۈپ بولدى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باش ۋەزىپە، مائارىپ، داۋالاشتا <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، كەسىپلەر، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى جايدىكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز.» خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قومۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شياڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىش، ئىلمىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتى لى شياۋشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنى تاللاپ ئەۋەتىشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە پىلانلاشقا ئاساس سالدى. يىغىندىن كېيىن شىنجاڭ ۋە ھەرقايسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى قاتارلىق ئورۇنلىرى بىلەن يەنىمۇ ئۇدۇللىشىپ، مەۋقەنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تەرەپنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىمىز».

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تاڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشى، ئىختىساسلىقلارنى قالدۇرۇپ قېلىشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

«شېنجېن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاي قەشقەر شەھىرى بىلەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا مائارىپقا كۈچەپ، جەمئىي 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە، ئۇل مائارىپتىن ئالىي مائارىپقىچە، ئادەتتىكى مائارىپتىن كەسپىي مائارىپقىچە بولغان تولۇق زەنجىرسىمان مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.» شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى چېن بياۋ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مائارىپتا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نى ئىككى تەرەپتىن تەڭ تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

«مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې يۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مول، كۆپ خىل سەييارە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش، كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرسىتىش، ھۆسنخەت - رەسىم سەنئىتى، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، گۇاڭدۇڭ، شىنجاڭ ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

 قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىش

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئېتىز باشلىرىغا، زاۋۇت - سېخلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پەقەت بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايمىز.

زىيارەت قىلغان، ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا ئەڭ چىرايلىق ئىمارەتنىڭ يەسلى ۋە مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئالدىراش جاينىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدىغان كەنت قۇرغان كارخانىلار ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە بولغىنىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تاڭ چېڭپېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا جايى ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولۇپتۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى».

شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ مىن كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى تەسەۋۋۇرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭغا تۆمۈريول ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلغان تۆمۈريول تورى ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش يولىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىچىدىكى تۆمۈريول تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز».

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىنى كۆزلەش كېرەك.» جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى سۈن جۈشېڭ مۇنداق قارىدى: تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەننى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىداملىق بىلەن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەيمىز.

«ھەرىكەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە بىز دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىشلەشكە، ئىنچىكە ئىشلەشكە، پۇختا ئىشلەشكە تىرىشىمىز.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى قادەن كابەن مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز كەسپى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، «قارلىق، مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

«يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەممىگە ئايان، بۇ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەردە مېنىڭمۇ ئەجرىم بولغانلىقىدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، تارماقلار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ جۈنشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى