ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدىكى ئارتىسلار.
ئارتىسلار نومۇر ئورۇندىماقتا.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تارتىلغان سۈرەت).
ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى «ماناس» نى ئورۇنداشقا تەييارلىق قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي، نيې نىڭ فوتوسى، خەۋىرى). 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇز تاغ چوققىسى ئېتىكىدىكى قاراكۆل بويى نادىر، چەكسىز مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە تولغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ گەز كەنتىدىكى دېھقانلار ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان نەق مەيدانغا كېلىپ، مۇراسىمنىڭ باشلىنىشىنى كۈتتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئارتىسلار تېتىك ھەم روھلۇق ھالەتتە، ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان ئېسىل نومۇر ئورۇنداپ بەردى. مۇراسىمدا ئارغىماق، بۈركۈت، قوتاز ۋە تۆگىلەر كۆركەم جابدۇلۇپ كۆرسىتىلىپ، ھەر قايسى جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ھەشەمەتلىك كۆرەك تەقدىم ئېتىلدى.
مېھمانلار ئەلۋەتتە ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ، قاراكۆل بويىدىكى قاتار كەتكەن كىگىز ئۆيلەرگە ئۆزگىچە تائاملار تىزىلىپ، ساياھەتچىلەرگە تەمى تىلىدىن كەتمىگۈدەك تەسىر قالدۇرۇلدى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا «گۈزەل جۇڭگو جەلپكار غەربي چېگرا رايون» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى مۇز تاغقا يامىشىش پائالىيىتى، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك پىيادە مېڭىش پائالىيىتى (پامىر بېكىتى)، جۇڭگو مۇھىت ئاسراش پىدائىيلار تەشكىلاتى مۇز تاغ مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاساسىي گەۋدە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مول مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن چوڭقۇر قاتلاملىق نامايان قىلىندى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مول مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقى تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا يەنە جۇڭگو ئېگىزلىك ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەسى مۇھىت ئاسراش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، ئالاھىدە كۆرگەزمە قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.