تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ياخشى ھەمراھ، ئىناق ئائىلە ماختاشتىن كېلىدۇ

  ئەر-خوتۇنلار بەزىدە قارشى تەرەپنى ماختىسا، ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قېلىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئامېرىكا M S N  تور بېكىتى يېقىندا بىزگە ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بەزى مەدھىيەلەرنى خۇلاسىلەپ، بىزنىڭ تىل ئارقىلىق تولۇپ تاشقان بەختكە ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بەردى.

  1. سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىز بەك گۈزەل. ياخشى بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھەمراھىڭىز بەلكىم ناھايىتى بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈشى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىشى مۇمكىن، بۇ قارىماققا ناھايىتى ئۈنۈملۈك كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنى چوقۇم ماختاڭ، چۈنكى ياخشى بەدەن ھالىتىنى ساقلاشمۇ بىر جاپالىق ئىش، سىزنىڭ ماختىشىڭىز بىلەن قارشى تەرەپ تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرالايدۇ.

  2. سىز ھەقىقەتەن ياخشى ئاتا، ياخشى ئانا. ئاتا-ئانا بولۇش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن  ئېيتقاندا بىر خىل رىقابەتتۇر، ھېچكىم تۇغۇلۇشىدىنلا ياخشى ئائىلە باشلىقى بولغان ئەمەس، بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشكە، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە موھتاج. ھەمراھىڭىزنىڭ قايسى جەھەتتە ناھايىتى ياخشى قىلغانلىقىغا دىققەت قىلسىڭىز، چوقۇم ئىپادىلىشىڭىز كېرەك،  ئۇ بۇ چاغدا ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىپ، تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ.

  3. سىز ھەممىنى ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇرۇپسىز. ياش چوڭايغانسېرى، مەسئۇلىيەتمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، خىزمەت بېسىمى، بالا بېقىش باش قېتىنچىلىقى، ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەر-خوتۇننىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا موھتاج. بۇ چاغدا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئىلھام بېرىپ، قوللىشى ناھايىتى مۇھىم.

  4. يېڭى چاچ پاسونىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن. بۇ ئاڭلىماققا ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئاياللار ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ چاچ پاسونىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بولۇپمۇ كۆپ پۇل خەجلەپ چاچ ياساتقاندىن كېيىن شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، ھەمراھىڭىزنىڭ يېڭى چاچ پاسونىنى كۆرگىنىڭىزدە، ماختاشنى ئايىماڭ.

  5. سىزنى سۆيىمەن دېيىشنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماڭ. نۇرغۇن كىشىلەر «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر جۈملە سۆز ھەرقانچە كۆپ دېيىلسىمۇ، يەنىلا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. نۇرغۇن ئەر-خوتۇننىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى شۇكى، بۇ ئۈچ ئېغىز سۆزنى ئىزچىل دېيىشتۇر.

  6. مەن سىزگە راستتىنلا رەھمەت ئېيتىمەن. ھەمراھىدىن ھۇزۇرلانماسلىق بۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئاكتىپ قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بولسا قارشى تەرەپنىڭ قىلغانلىرىغا رەھمەت ئېيتىش، بۇ خىل رىغبەتلەندۈرۈش قارشى تەرەپنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

  7. مەن ئائىلىمىزنى سۆيىمەن. بىر ئۆينى «ئائىلە»گە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جىسمانىي كۈچ، كۆڭۈل ۋە مۇھەببەت كېتىدۇ. قارشى تەرەپكە ئائىلىنىڭ بەختىنى ھېس قىلدۇرالىسا، ئائىلە كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئىناق قىلغىلى بولىدۇ.

  8. سىز مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم. سىزنىڭ ياخشى دوستلار تىزىملىكىڭىزدە ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقدىشىڭىز ياكى كىچىكىڭىزدىن بىللە چوڭ بولغان دوستلىرىڭىز بار بولسىمۇ، ھەمراھىڭىزنى ياخشى دوست قاتارىدا كۆرۈشكە دەخلى قىلمايدۇ. ھەمراھىڭىز بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولسىڭىز، توينىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ.

  9. سىز بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز. بۇ سۆزنى بەلكىم بالىلىق چاغلىرىڭىزدا ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇنى ھەمراھىڭىزغا ئىشلىتىپ ئىلھام بەرسىڭىز، بىر-بىرىڭلارنىڭ قىزىقىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر خىل ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش ھاسىل  بولىدۇ.

  10. مەن سىزنى سېغىندىم. ئەر-خوتۇن قارشى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يېنىدا بولمىغان چاغدا، سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك، ئاددىي ئېيتىلغان بىر نەچچە ئېغىز سۆز  قارشى تەرەپكە مېھىر-مۇھەببەت بېرىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.

  11. مەن سىزگە ئىشىنىمەن. ھېچقانداق نەرسە قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىدىن مۇھىم ئەمەس. سىزنىڭ بۇنداق دېگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، قارشى تەرەپ دۇنيانى بويسۇندۇرغىدەك كۈچىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ چاغدا، قارشى تەرەپ مەڭگۈ سىزنىڭ قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا سىزگىمۇ ئوخشاش ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.

  12. سىز مېنىڭ «بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھانىم». ئائىلە، خىزمەت ۋە ئىجتىمائي مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەمراھىڭىزنى ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىرىنچى ئورۇنغا قويسىڭىز، سىلەرنىڭ بەختىڭلارغا ھېچقانداق نەرسە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى