تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇرچىنغا بېرىپ، «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر»نىڭ سىرىنى ئىزدەش

  تىيانشان تورى خەۋرى (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ نياۋ، لى خۈيلىڭ) 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنخۇا تورىنىڭ شىنجاڭ قانىلى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنخۇا تورى + شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارەت پائالىيىتى «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر» بۇرچىندا باشلاندى.

  ئالدى بىلەن، «چۆچەكلەردىكىدەك مەنزىرە» __ چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ جاينىڭ كۆل نۇرى، تاغنىڭ رەڭگى چۆچەكلەر دۇنياسىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل. چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى ۋۇسەيتەن مەنزىرىلىك رايونىدىن پەقەت يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى ئالاھىدە بېلىقچىلىق كەنتى ھەمدە بۇرچىن ناھىيەسى بەرپا قىلغان تۇنجى «ئىستىراھەت بېلىقچىلىق» ئىسىم كارتىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەرگە كېلىدىغان نۇرغۇن ساياھەتچىلەر چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتىگە بېرىشتىن بۇرۇن، «بۇ يەردە بىر كۈن ئويناش»نى پىلانلايدىكەن، لېكىن بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ «يەنە ئىككى كۈن كۆپرەك تۇرساق بولامدۇ نېمە» دەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە يەنە چوڭ قىزىل بېلىق كۆرگەزمىسى ۋە سىناپ بېقىش شەكلىدىكى «بېلىقچىلارنىڭ تۇرمۇشى» بار بولۇپ، بۇلارمۇ مېھمانلارنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئىكەن.

  بۇرچىننىڭ گۈزەللىكى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. «چۆچەكتىكى كەنت» چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتى يەنە بىر خىل ساياھەتنى كۆپچىلىككە ھېس قىلدۇرىدىغان بولۇپ، قىزىلقايىڭ كەنتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قاناس مەنزىرىلىك رايونغا تۇتىشىدىغان يول بويىغا جايلاشقان، ھەركۈنى دېگۈدەك نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ جايدىن ئۆتىدىكەن. ساياھەتچىلەرنىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىتىشى بىلەن، بۇ يەر يىراق-يېقىنغا تونۇلغان «داڭلىق كەنت» بولۇپ قالغان.

  بۇ گۈزەل نام كەنت ئەتراپىدا كۈز كىرگەندىن كېيىن خۇددى ئاسماندىكى قىزىل شەپەققە ئوخشاش قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى قىزىلقايىڭ كەنتىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلار ئىگىلىرىنىڭ «ئاجايىپ ماھارىتى»نىڭ بارلىقىدىن بولغان. بەزىلەرنىڭ ئاۋازى تۇغۇلۇشىدىن ياخشى بولۇپ، قىش پەسلىدە دۇمبۇرانىڭ ئاۋازى ۋە لەرزان ناخشا ئاۋازى ياڭرىغاندا، ئىختىيارسىز ۋاقىتنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئاشپەزلىك ھۈنىرى بار، قوي گۆشى قازانغا، بېلىق گۆشى ئوچاققا كىرگەندە، ھېچقانچە ئىش كەتمەيلا مەززىلىك پۇراق كەنتنى بىر ئالىدۇ.

  ئۇنى «مۇھىم تۈگۈن» دېيىشتە، بىر تەرەپتىن، بۇ جايدا ئۆزگىچە مەدەنىيەت مەنزىرىسى مەزمۇنى بارلىقىدىندۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يەردە مەدەنىيەت تۈسى قويۇق كۆرگەزمىنى ھېس قىلىش سۇپىسى بار. مەدەنىيەت باغچىسى ئىچىدىكى تۆت پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆرگەزمە قىلىش ئورنى يەرلىكنىڭ ئەنئەنىۋى سۈت  مەھسۇلاتلىرى، كەشتە بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى (فار فۇر بۇيۇملار)، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىگىز ئۆي بېزەكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۆرگەزمە قىلىدىغان بولۇپ، بۇنى مەزمۇن قىلغان باشقا ساياھەت نۇقتىلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئات بەيگىسى نومۇرلىرى بار ئىكەن. بۇ نەچچە يىل ۋارىسلىق قىلىنغان تۇرمۇش ئادىتى بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان ساياھەت تۇرمۇشى بولۇپ قالغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك بىلىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇرچىندىن ئىبارەت بۇ چۆچەك ماكانى يەنە چۆچەك ئورۇنداشقىمۇ ماھىر ئىكەن. «قاناستا تەنتەنە» بۇ شەھەرنىڭ سەھنە ئۈستىدە ياراتقان چۆچىكى. «قاناستا باھار»، «قاناستا ياز»، «قاناستا كۈز»، «قاناستا قىش» قاتارلىق تۆت پەسىل سەھىپىسى ئۆزىگە خاس مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل، ئۈن-سىن ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق، بۇ جاينىڭ ئۆتمۈشىنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن؛ قىيا تاش رەسىملىرىدىكى ئەسلىمىلەردىن قامچا ئاستىدىكى تۇرمۇشقىچە، يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئىچىدىكى مۇراسىمدىن، يەنە ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى پاراخوت-كېمىلەرگىچە ......مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىدۇر.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى