7-ئاينىڭ 13-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى جۇڭخۇا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمە رايونى شىنجاڭ زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسىدا مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر پاڭ بو فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى جۇڭخۇا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمە رايونى شىنجاڭ زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر، ياپيېشىل ئۈزۈم تاللىرى ئارىسىدا لوپنۇرنىڭ يېڭى مېۋە-چېۋىلىرى، لوپنۇر قوي گۆشى، مايلىق توقىچى، لوپنۇر كەندىرى چېيى، ئالقات، لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى، نەشپۈت مەلھىمى ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 26 خىل خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە باشقارمىسى تەشكىللىگەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار كۆپ بولغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا شىنجاڭ نامايان قىلىنىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى، لوپنۇر تونۇشتۇرۇلىدىكەن.