تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

«پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2010- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى» ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «بەلگىلىمە»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتلىرى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، تەشكىلات - كادىرلار ئىشلىرى، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش قاتارلىق نازارەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «بەلگىلىمە»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى»دىكى ئومۇمىي پىرىنسىپ، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش مەزمۇنى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى باھالاش، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى تەتبىقلاش، قوشۇمچە پىرىنسىپ توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بۇ بەلگىلىمە 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 2010- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى» بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى