تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش قەلبلەرنى ئىللىتتى  داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەلگە نەپ يەتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا

داۋالاش ۋە مائارىپ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچنى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە سېلىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى مائارىپ ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن قىلدى.

مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

نۇقتىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشكە يۈزلەندۈرۈش

2018- يىلى 9- ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان «ئاچقۇچ تاپشۇرۇش» قۇرۇلۇشى − كۇچا ناھىيەلىك ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋەن يىنجۈ ئەسلىدە يۈياۋ شەھىرى دۇڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى مائارىپ گۇرۇھىنىڭ باش مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، 30 يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىغا ئىگە، ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى ناھايىتى مول ئىدى. «مەكتەپتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 12 ئوقۇتقۇچى بار، بىز شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بەرپا قىلىمىز» دېدى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى ۋەن يىنجۈ مۇخبىرغا.

ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوخشاش مۇشۇنداق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە.

6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن، خۇبېي ئۆلكىسى باشلامچىلىق بىلەن «يۈز مەكتەپ قوشماقلىشىش قۇرۇلۇشى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە ئىچىدىكى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان 113 مەكتەپ بىلەن نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى 108 مەكتەپنى قوشماقلاشتۇرۇشنى تاماملاپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى نۇقتىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشتىن ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشكە كېڭەيتتى.

«مەكتىپىمىزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئوقۇتۇش - تەتقىقات ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، باشقۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.» خۇبېيلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خۇاجۇڭ سىفەن داشۆ قارىمىقىدىكى 1- ئوتتۇرا مەكتەپ بورتالا شۆبە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گاۋ مىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 33 ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ھەم بۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ، بۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بىزنىڭ قوش ئۇتۇشىمىزنى ئىشقا ئاشۇردى.» گاۋ مىڭ مۇنداق دېدى: نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ پايدىسىدا، بورتالا شۆبە مەكتەپنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى مۇقىم قەدەمدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئوبلاست دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىدىن 15ى، شەھەر دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىدىن 22سى يېتىشتۈرۈلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چېنىقىش ئارقىلىق مائارىپ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر يەنە نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە پائال تۈرتكە بولدى، شاڭخەي، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، شېنجېن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 14، 10، 27، ئىككى كەسپىي مەكتەپنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەشكە بېكىتتى؛ خېنەن «بىر داشۆ قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ بىر شۆيۈەن - شىسى بىلەن قوشماقلىشىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش» پىلانىنى يولغا قويدى؛ خۇبېي «بورتالا ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكومىدا ئوقۇپ، خۇبېي ئالىي كەسپىي تېخنىكومىغا بېرىش» يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «2+3» باسقۇچلۇق بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپنى ھەمكارلىشىپ يولغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر جەمئىي 20 مىليارد 559 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1700دىن ئارتۇق يەسلى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن سېلىشقا ۋە كېڭەيتىپ سېلىشقا مەدەت بەرگەن. كۈچلۈك مەبلەغ مەدىتى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان.

ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

داۋالاش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش

ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن باشلانغان. داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يەنە مۇشۇ سەۋەبتىن «ئاممىغا ئەڭ يېقىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالغان.

«بۇ يىل قىزىمنىڭ كۆزى زەخىملەنگەنىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن خەن دوختۇرنىڭ ھىممىتى بىلەن، بالامنىڭ كۆزى ساقايدى» دېدى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى خوتەن شەھىرى تۇساللا بازىرى ئاقتىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەختۇم ئەمەر مۇخبىرغا.

مەختۇم تىلغا ئالغان خەن دوختۇر تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن خەن جىندۇڭ بولۇپ، ئۇ يەنە تيەنجىن شەھىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى.

بىر دوختۇرخانا بىر بۆلۈمگە تۈرتكە بولۇش، بىر ئىختىساس ئىگىسى بىر بۆلۈمگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىر بۆلۈم بىر جايدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇشۇنداق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىدىيەسى بىلەن 2016- يىلىدىن باشلاپ، تيەنجىن شەھىرى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن 15نى تەشكىللەپ، دوختۇرخانا بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. تيەنجىن شەھەرلىك كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى بىلەن دوختۇرخانا بۆلۈمنى ھۆددىگە ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، پەن، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتتە مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىرى بۆلۈمى تەرەققىي قىلىپ 3A دەرىجىلىك مەخسۇس كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىگە ئايلاندى، ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى، ئۆسمە ئىچكى كېسەللىرى بۆلۈمى، يۈرەك - كۆكرەك تاشقى كېسەللىرى بۆلۈمى، تەكشۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈم - ئىشخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆگىتىشى، ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشى بىلەن، تۈركۈم - تۈركۈملەپ يەرلىك تېببىي ئىختىساسلىقلار تېزدىن ئۆسۈپ يېتىلدى.

«يالغۇز جەڭ قىلىش»تىن «ئۆمەك تەشكىللەپ جەڭ قىلىش»قىچە، «قان بېرىپ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش»تىن «قان ئىشلەپ ئوكسىگېن ھاسىل قىلىش»قىچە، 2016- يىلى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يەتتە ئۆلكە، شەھەر 60 نەچچە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن جەمئىي 500 نەپەردىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسىنى تاللاپ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، 1400دىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەردە 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى تەربىيەلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۈركۈم - تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر پىشقان تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى، شۇنداقلا قولمۇقول ياردەم بېرىش - ئۆگىتىش ئارقىلىق، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ئۈچۈن «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش ئەترىتى» يېتىشتۈرۈپ بەردى.

«مەن ھازىر بۆلۈمدىكى تايانچقا ئايلاندىم، بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇستازىم ماڭا ئۆگەتكەن» دېدى بىڭتۇەن 6- شىسى گۇچۇڭ دوختۇرخانىسى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ھېزىمخان.

ھېزىمخان تىلغا ئالغان ئۇستاز سەنشىدىن كەلگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر لى شيۇلىڭ ئىدى. 2017 - يىلى 9 - ئايدا، لى شيۇلىڭ گۇچۇڭ دوختۇرخانىسىغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش بۆلۈمىنى يېتەكچىلىك قىلىپ قۇردى ھەم ھېزىمخاننى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدى، بۇ شاگىرتىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن، لى شيۇلىڭ يەنە ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋاقتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتتى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى تاللاپ ئەۋەتكەندە كۆڭۈل قويۇپ تاللىدى، ئىنچىكە تاللىدى، مۇدىر ۋىراچ، كاندىدات مۇدىر ۋىراچ %80كە يېقىننى ئىگىلىدى؛ لياۋنىڭ ئۆلكىسى 350 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، 15 دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيە بىناسى قۇردى؛ خۇبېي سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى «600 قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەدىكى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئەلا سۈپەتلىك بايلىقتىن مىڭ چاقىرىم ئارىلىقتا ھەمبەھرىلىنىش

«بۇ يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى بىزنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىنتايىن ئەسقاتىدۇ، بەزى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا بىز توغرا ھۆكۈم قىلالمىغاندا، سۇپا ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشىپ، ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا توغرا داۋالىيالايمىز.» 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى قاراباغ يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى ۋېي شياۋسۈي شۇنداق دېدى.

داۋالاش بايلىقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش ئاساسىي قاتلامدىكى چەت، يىراق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇ يىل 6- ئايدا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ياردەم بېرىپ قۇرغان يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش ئۇچۇر سۇپىسى ئىشلىتىلىپ، بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن پۈتۈن ناھىيەدىكى ئون يېزا - بازارلىق شىپاخانىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويغىلى يىراقتىن ئامبۇلاتورىيەدە دىياگنوز قويغىلى ۋە يىراقتىن سۈرەتكە ئېلىپ دىياگنوز قويغىلى بولىدىغان بولدى.

«بۇ سۇپا ناھىيە تەۋەسىدە كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.» ساڭجوۋ شەھىرىنىڭ داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېتەكچىسى، بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۈن جەنلىن مۇنداق بىلدۈردى: يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش - سەھىيە بايلىقىنىڭ نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدىكى ئاغرىقلار مىڭ چاقىرىم قاترىمايمۇ، ئىچكىرى جايلاردىكىگە ئوخشاش ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.

يىراقتىن داۋالاش بىلەن ئوخشاش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغاندىن يەنە يىراقتىن ئوقۇتۇشمۇ بار. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلىنىشى بىلەن، خېنەن ئۆلكىسى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى − ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوزغاتتى. 2010- يىلىدىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى جەمئىي 28 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئاساس مائارىپ بايلىقى تورى سۇپىسى، گېگابايتلىق نۇر كابېل تورى مەكتىپى قاتارلىقلارنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، قومۇل مائارىپىنىڭ ئۇچۇرلىشىشىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، بارلىققا كېلىشتىن ئەلالىشىشقىچە بولغان تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يىراقتىن بىۋاسىتە تارقىتىش پائالىيىتى» خېنەن، شىنجاڭ ئىككى جايدىكى بالىلارنى نەچچە مىڭ چاقىرىملىق ئارىلىقتا تۇرۇپ ئوخشاش بىر دەرسنى ئاڭلاش، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ھەمبەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

داۋالاش ئاغرىق ئازابىنى تۈگەتسە، مائارىپ ئەقىل - پاراسەتنى يالقۇنجاتتى. گۈزەل مەكتەپلەردىكى جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسىدا، دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ تەبەسسۇمىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، تۈركۈم - تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ سەرپ قىلغان چىن ئەجرى بار. ئۇلار شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى