تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈزتۇرا نەزەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

سەلتەنەتلىك 70 يىل شانلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈزتۇرا نەزەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى 2019- يىللىق ئاممىباب نەزەرىيە ئوقۇشلۇقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈزتۇرا نەزەر»نى تەشكىللەپ يازدى. نۆۋەتتە، بۇ كىتاب ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىندى.

بۇ كىتاب «نەزەرىيە قىزىق نۇقتىلىرىغا يۈزتۇرا نەزەر» يۈرۈشلۈكىدىكى ئەڭ يېڭى ئوقۇشلۇق بولۇپ، ئىزچىل ئالاھىدىلىك ۋە ئۇسلۇبقا ۋارىسلىق قىلىپ، كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە مەركەزلىك جاۋاب بەردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 2- ئايدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى كۈچ تەشكىللەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىلىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقى، جۇڭگو يولىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالايدىغانلىقى قاتارلىق 12 مۇھىم، زور مەسىلىنى رەتلەپ چىققان. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، مەركەزلىك ئارگىنال تەييارلاپ، تۈزىتىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا كىتاب ئارگىنالىنى تاماملىغان.

بۇ كىتاب شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن بۇ مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، مەزمۇنلۇق قىلىپ يېشىپ بەردى، شەرھلىدى، ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرى نوپۇزلۇق، توغرا، تىلى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، يېزىقچىلىق ئىستىلى ساپ، ئىخچام، شەكلى جانلىق، كۆپ خىل بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇساپىسى، شانلىق مۇۋەپپەقىيىتى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ كىتابتا ھەم نېمە سۆزلەنگەن، ھەم نېمە ئۈچۈن سۆزلەنگەن، ھەم قانداق قاراش، ھەم قانداق قىلىش سۆزلەنگەن بولۇپ، كادىرلار، ئامما، ياشلار، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش