تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇش كېرەك

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئوبزور

فەن خۇڭيى

«غالىبلار كۈچلۈك بولىدۇ، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەر ھەقىقىي باتۇر بولىدۇ.» بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى بىر ئادەم پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كەلگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي باتۇر ھېسابلىنىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بىر پارتىيەمۇ شۇنداق، پەقەت خاتالىقىنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، ئۆزىدىن ھالقىغاندىلا، ئاندىن كۈنسېرى قۇدرەت تاپالايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، قايتا ئويلىنىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تېپىپ، يىلتىزنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشقا تەربىيەلەش كېرەك. باش شۇجىنىڭ سۆزى بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىگە يۈزلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالايدىغان جاسارەت، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. ئەمما كۆپ ۋاقىتتا بىز يەنىلا «پىچاقنىڭ بىسى»نى ئۆزىگە قارىتىش ياكى سىرتقا قارىتىش مەسىلىسىدە گاڭگىراپ قالىمىز. مەسىلە كۆرۈلگەندە، زىددىيەت پەيدا بولغاندا، زادى تاشقى جەھەتتىن ئوبيېكتىپ سەۋەبنى ئىزدەش كېرەكمۇ؟ ياكى ئىچكى جەھەتتىن سۇبيېكتىپ سەۋەبنى ئىزدەش كېرەكمۇ؟ بەزى يولداشلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن قورقىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ «ئوبرازى»غا زىيان يېتىشتىن قورقىدۇ، تېپىپ چىققان مەسىلە بىردەك ئوبيېكتىپ ئامىل بولىدۇ. پۇرسەت توغرا كەلمىدى، شارائىت ياخشى ئەمەس، تاسادىپىيلىق يۈزبەردى، دېگەندەك تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەب ۋە باھانىلەر بىلەن، ئۆزىنى پاك - پاكىز كۆرسىتىش − سۇبيېكتىپ جەھەتتىن سەۋەبنى ئىزدەشنى خالىماسلىقتۇر. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ «مۇكەممەل، نۇقسانسىز»لىقىنى ساقلىيالمايلا قالماي، ئەكسىچە «كىچىك مەسىلە چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىش، كىچىك تۇرۇبا يېرىلىپ كېتىشتىن چوڭ گۈمۈرۈلۈش كۆرۈلۈش»نى پەيدا قىلىپ، پارتىيەنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدۇ، خەلقنىڭ ئىشەنچىدىن قالىدۇ.

ئىچكى سەۋەب شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ تۈپ سەۋەبى. ھازىر، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس، جەزمەن كۈچلۈك بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە ئاتلىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەتتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيە ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، يىلتىزنى چوڭقۇر، تولۇق تەھلىل قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارغا، ئەتراپتىكى ئۈلگىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن، مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، قايتا ئويلىنىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تېپىپ، يىلتىزنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىش نىشانى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، قول ئۇچىدا ئىش قىلىش، بىھۇدە ئاۋارە بولۇش، ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈش، ئەمەلىي ئىشتىن چەتنەپ قۇرۇق گەپ سېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك، يۇقىرى كۆرسەتكەن مەسىلىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ تاپقان مەسىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، بەنزىنىڭ مەسىلىسىنى شەخسىي مەسىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسى ئورنىغا دەسسىتىشكە، خىزمەتتىكى كەسپىي مەسىلىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي مەسىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، كونا مەسىلىنى يېڭى مەسىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكىمۇ قەتئىي بولمايدۇ. پەقەت ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتى بىلەن، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، جاراھەتنى ئويۇپ سۆڭەكنى قىرىشقا ماھىر بولساقلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىمىزنى ساپلاشتۇرالايمىز، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيمىز، ئۆزىمىزنى يېڭىلىيالايمىز، ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرەلەيمىز، ئاندىن تۈرلۈك بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيمىز، ئاندىن باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالايمىز، ئاندىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەلەيمىز.

باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پەقەت باشتىن - ئاخىر پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە خاتالىقلارغا قارشى قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى قەتئىي، ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلغاندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۆزىدىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى