تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» بېسىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئالدىنى ئېلىش − ئەڭ ئىقتىسادچىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتى ئىدىيەسى، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشنى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ساغلاملىق تەربىيەسى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى توغرا ساغلاملىق قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، دەسلەپكى ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت شەكىللەندۈرۈپ، ساغلام ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئۆز - ئۆزىگە تەلەپچان بولۇپ، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش، دەسلىپىدە ئارىلىشىپ، مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇم خەلق قاتنىشىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2022- يىلىغا بارغاندا، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئومۇم خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسى، سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى تېز كېڭەيتىلىدۇ. 2030- يىلىغا بارغاندا، ئومۇم خەلق ساغلاملىق ساپاسى، سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدۇ، ئېغىر، چوڭ سوزۇلما كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىلىپ، ئوتتۇرىچە مۆلچەر ساغلام ئۆمۈر بىرقەدەر زور دەرىجىدە ئۇزارتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى سەۋىيەسى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ساغلاملىق ئادىللىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«پىكىر»دە ئۈچ تەرەپتىكى جەمئىي 15 مەخسۇس ھەرىكەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ئومۇم خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش، پىسخىكا ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىلىپ، ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئانا - بالىلار، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئەمگەكچىلەر، ياشانغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، تولۇق ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ساغلاملىقى قوغدىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسەللىرى، راك، سوزۇلما نەپەس سىستېمىسى كېسەللىرى، قەنت كېسىلىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك سوزۇلما كېسەل ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەلگە قارىتا ئېغىر، چوڭ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچەيتىلىدۇ. ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، ئائىلە، شەخسلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئامما كېسەل بولماسلىق، ئاز كېسەل بولۇش ئىمكانىيىتىگە تىرىشىپ ئىگە قىلىنىپ، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت قاتلىمىدىن ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش كومىتېتى قۇرۇپ، «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى(2019- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە)»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان 15 مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكەت نىشانى، كۆرسەتكۈچى، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كېسەللەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مالىيە بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىق سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، ئۇچۇر تىرىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن، قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات، يېتەكچىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت يەشمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى مەخسۇس تېما تور بېكىتى قۇرۇپ، ئۈنۈملۈك شەكىل ئارقىلىق ئاممىنى زۆرۈر ساغلاملىق بىلىملىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى