تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش  مېھىر - مۇھەببەتتە تىيانشاننى ئىللىتىش

− يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىش ③

شېنجېن شەھىرى قەشقەر شەھىرىگە ياردەم بېرىپ قۇرغان شېنجېن شەھەرچىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىم يېڭى شەھەرچىسىدىكى تۇنجى كۆپ كەسىپ ھالىتىدىكى ئۇنىۋېرسال رايون بولۇپ، بۇ يەرگە ماكانلاشقان 200 نەچچە كارخانا بۇ رايوننىڭ سودىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى (2015- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان).

(شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن سۈرەت)

①: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى قورغان كەنتىدىكى جياڭشىلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كەنت قۇرغان زاۋۇتتا، 350تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن شياۋجۈن فوتوسى)

②: شەندۇڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 2- يەسلى (2017- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى تارتىلغان).

(شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن سۈرەت)

③: خېنەن ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كۆلياقا يېزىسىنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن كۆرۈنۈش (2017- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان).

(سەي زېڭلې فوتوسى)

④: خۇبېيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى لياڭ جىلۇ (ئوڭدىن 2- كىشى) خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بورتالا شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا مەشىق سوئاللىرىنى چۈشەندۈرمەكتە (5- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان).

(خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن سۈرەت)

⑤: 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، خۇنەندىكى ئۆگىنىشتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن تۇرپان شەھىرى شۇاڭچېڭ مېھمانسارىيىنىڭ خىزمەتچىسى خالىدەم ئابدۇلىم خىزمەتداشلىرىنى ياغلىقنى گۈل چىقىرىپ قاتلاش بويىچە تەربىيەلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)

⑥: فوشەن ئىگىلىك تىكلەش كەسىپلەر باغچىسى پەيزاۋات شىڭيې ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش بازىسىدىن كۆرۈنۈش (6- ئاينىڭ 27- كۈنى تارتىلغان).

(گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن سۈرەت)

جياڭشى: كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش    نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يىن شياۋجۈن، خې لىڭ

6- ئاينىڭ 27- كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى قورغان كەنتىدىكى نامرات ئاھالە رۇپقىيەم ساۋۇت كەنت قۇرغان زاۋۇتتىكى سېختا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. كەنت كوللېكتىپ مەيدانى بىرىكتۈرۈلۈپ، جياڭشىلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىنىپ كەنتتە قۇرۇلغان بۇ زاۋۇتقا ئەتراپتىكى بىر قانچە كەنتتىكى 350تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئاھالە ئىدى.

بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. بۇلتۇر، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 9 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كەنت دەرىجىلىك ھازىر بار بولغان مەيداندىن پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىشلىتىپ، كەشتىچىلىك، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق 14 كەنت قۇرغان زاۋۇتنى كىرگۈزۈپ، 1300دىن ئارتۇق ئىشچى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى نامرات ئاھالە.

ھالبۇكى، ناھىيە بازىرىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىكى «جياڭشى يېڭى كەنتى»دە، نامرات ئاھالە ئابدۇناسىر بەكتۆمۈرمۇ چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. جياڭشى 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرغان بۇ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى نۇقتىسى تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىغا «ساياھەت تامىقى» يېگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭ سىرتىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جياڭشىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بۇلتۇر، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 14 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ پايدىسىدا، شۇ يىلى ئاقتۇ ناھىيەسى 2462 ئەمگەك كۈچىنى تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىچكىرى جايلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 1187 ئادەمگە يەتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە «بىر ئادەمنى يۆتكەش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بىر بۆلەككە تۈرتكە بولۇش»تەك ياخشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەيپىياتى شەكىللەندى.

جياڭشىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يەنە بىر يېڭى تەدبىرى. بۈگۈنكى كۈندە، جياڭشىلىق 20 كارخانىچى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا چارە - ئەقىل كۆرسەتتى ھەم خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى 20 نامرات كەنتتىكى 6100دىن ئارتۇق ئائىلىلىك 29 مىڭغا يېقىن نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا قويدى.

نۆۋەتتە، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «كادىرلارنى نۇقتىغا چېتىش» «پۇقراۋى كارخانىلار ياردەم بېرىش - يۆلەش» «بازار بىلەن كەنت قوشماقلىشىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر ئاساسلىق تۇتقا قىلىنغان ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، «جياڭشى كۈچى»نى مۇجەسسەملەپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

شەندۇڭ: كەسىپلەردە كۈچەش    بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولسۇن.» بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىشەھەر رۇيى پەن - تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سانائەت ئىشچىسى بولغان مەرھابا ئۇرايىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ بىر كۈنى رۇيى توقۇمىچىلىقىغا كىرىپ، دېھقاندىن كۆك ياقىلىققا ئايلىنىشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم».

مەرھابانىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە باشتىن - ئاخىر «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نى تەڭ تۇتۇشتا، مالىيە جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن قوللاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شەندۇڭ خاسلىقىغا ئىگە، شەندۇڭ روھى نامايان قىلىنغان، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولىنى ياراتقانلىقىدىن بولدى. ئۈچ يىلدا، شەندۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە، 150 مىڭ نامرات ئاممىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، يەر شارىۋى ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش پەلىيى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى − شەندۇڭ جىنىڭ جۇڭشىڭ پەلەي گۇرۇھى يېڭىسار ناھىيەسىگە ماكانلاشتى.

يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالىماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، جۇڭشىڭ پەلەي گۇرۇھى «باش ئىشتاب+ زاۋۇت» تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللاندى، يەنى باش ئىشتاب تەربىيەلەشكە ۋە زاكاز تالونى، خام ئەشيانى بىرتۇتاش تارقىتىشقا، مەھسۇلاتلارنى بىرتۇتاش يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى، يېزا - كەنت ۋە مەھەللىلەردە زاۋۇت قۇرۇپ، خام ماتېرىيالدىن تەييار پەلەي ئىشلەپچىقاردى. بۇ، ھەم كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، ھەم ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولغان «باش ئىشتاب+زاۋۇت» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى بولۇپ، زور بىر تۈركۈم كارخانىنىڭ بەس - بەستە زاكاز تالونى ئېلىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭشىڭ پەلىيى، خەيياڭ كىيىم - كېچىكى قاتارلىق 60 نەچچە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانا 365 كەنت (مەھەللە) قۇرغان زاۋۇتنى يۈرۈشتۈرۈپ، 17 مىڭ 566 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 8231 كىشى.

«كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدىكى بىر سۈپەتلىك ماركا.» شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ياڭ گوچياڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار يەنە «ناھىيە بازىرىدىكى كارخانا باش ئىشتابى − يېزا - بازار كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسى − كەنت زاۋۇتى − ئائىلىۋى نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشقان كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ «ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 10 مىڭ نامرات ئاھالە «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى.

بۇ بىر نەچچە يىلدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەۋقەنى «بىر چوڭ تۈرنى كىرگۈزۈش، بىر چوڭ كەسىپكە تۈرتكە بولۇش»قا قويۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زوۋچېڭ گوشېڭ، جىنشېڭ توقۇمىچىلىقى، سېنما كىيىم - كېچىكى، شەندۇڭ شۈيفا، دۇڭيىڭ كۆك نۇر ئېلېكتىرونى قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، ماكانلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، شۇ جاينى 15 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

خېنەن: قەلبكە يۈكسەك مۇھەببەتنى پۈكۈش    ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لېي

6- ئاينىڭ 28- كۈنى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىخۇەي ئىلگىرىكىدەكلا مەكتەپكە ۋاقتىدا كېلىپ، يېڭى بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇ ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا توققۇز يىل بولغان، خېنەندىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان «نوپۇزلۇق» كادىر. ئۇ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە شەرەپ بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئىچىدە بىردىنبىر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

«باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا، مەندە پەقەت چىڭ تۇرۇشلا ئارتۇق.» شەرەپ ئالدىدا ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: «ماڭا ئوخشاش چىڭ تۇرغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر يەنە ناھايىتى كۆپ».

خېنەندىن شىنجاڭغىچە بولغان ئارىلىق نەچچە مىڭ چاقىرىم بولسىمۇ، لېكىن يىلتىزداش، مەنبەداش، تومۇرداش.

بالىسىنى ئېلىپ، ئائىلىسى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دۇەن تىڭجاۋ ئەر - خوتۇن، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغان ئوغلى بىلەن خوشلىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلانغان ليۇ شياۋ، ئىككى ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان چېڭ جىنخۇي ئاتا - بالا... خېنەندىن 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار دۆلەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، قەلبىگە خالىس يۈكسەك مۇھەببەتنى پۈكۈپ، قومۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، مۇقىملىق تېشىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات يولىنى ئورتاق كۆزلەپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ۋە خالىس تۆھپە قوشۇش داۋامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش قويۇق كەيپىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ياراتتى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ خالىس كېسەل كۆرۈشى نامرات كەنتلەرنى تولۇق قاپلاپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى؛ يۇمشاق ئۇسۇلدا تاللاپ ئەۋەتىلگەن 3365 تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋە كەسىپ تايانچىسى قومۇلغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، قومۇلنىڭ مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن قومۇلدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشى تولۇق قاپلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كونكرېتلاشتۇردى... خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى ۋە يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى 60قا يېقىن ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلام، كەڭ يول بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇلازىمەت قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دەل ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ياردەم بېرىشىدۇر. بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سۇبيېكتلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز» دېدى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، قومۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شياڭيۈ.

خۇبېي: ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق يېتەكلەش    ھەمتۈرتكە بولۇپ ئورتاق پايدا ئېلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نىسبېك

ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىزچىل خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 5- شىسى قوش ئۆگۈز شەھىرىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ كەلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدىتىدە، ۋۇخەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق شۆبە شۆيۈەنى (بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى)نىڭ دەرىجىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالىي كەسپىي مەكتەپكە ئۆسۈپ، بورتالا ئوبلاستىدا ئالىي مەكتەپ يوق بولۇش تارىخى ئۆزگەرتىپ يېزىلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە، خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسى بورتالا ئوبلاستلىق شۆبە دوختۇرخانىسى (بورتالا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى)، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى 5- شى شۆبە دوختۇرخانىسى (5- شى دوختۇرخانىسى) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا» بەرپا قىلىپ، بورتالا ئوبلاستىدا «3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا» بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى؛ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئارشاڭ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش پونكىتىدا ئىقتىدارى تېخىمۇ تولۇق بولغان قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئارخىپخانىسى بارلىققا كېلىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ 2019- يىلىدىن بۇيانقى ھەربىر قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىنى نازارەت قىلىش جەريانى خاتىرىلەندى، بۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش سۈپىتىنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بولدى...

بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. 2017- يىلى 2- ئايدا 7- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مەركەزلىك شىنجاڭغا كىرگەندىن باشلاپ، خۇبېي ئۆلكىسى جەمئىي تاللاپ ئەۋەتكەن 356 ئوقۇتقۇچى، 174 دوختۇر، 177 كەسپىي تېخنىك خادىم ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا تايانچلىق رول ئوينىماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇبېي ئۆلكىسى يەنە تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدىلا خۇبېي ئۆلكىسى ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، «داڭلىق مەكتەپ، داڭلىق دوختۇرخانىلارنى چېتىش» قاتارلىق ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، 111 مەكتەپ (يەسلى)، 134 داۋالاش ئاپپاراتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى 108 مەكتەپ (يەسلى)، 23 داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

«خۇبېي ئۆلكىسى پەن - مائارىپ چوڭ ئۆلكىسى، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، بىز <ئۈچ مەكتەپ، ئىككى دوختۇرخانا، بىر ئورۇن>غا تايىنىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، مەكتەپ بىلەن مەكتەپ، دوختۇرخانا بىلەن دوختۇرخانا، باغچە رايونى بىلەن باغچە رايونى، ساھە بىلەن ساھە، تارماق بىلەن تارماقنىڭ يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ بىر ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمى بولۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتتۇق» دېدى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فېڭ ۋېي يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا ناھايىتى ھاياجان بىلەن.

خۇنەن: قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش    ھاللىق سەۋىيەگە ئورتاق يۈرۈش قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۈيلىن

گەرچە خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن تۇرپان شەھىرىنى تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىملىق خالىس كېسەل كۆرۈش، ھەر نۆۋەتلىك سودىگەر چاقىرىش، ھەر بىر مەيدان پائالىيەت خۇنەندىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، خۇنەندىكى تۇغقىنىمغا رەھمەت، ماڭا باشقا بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاتا قىلدى، دېھقاندىن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوستلار بىلەن دوستلۇق ئورناتتىم» دېدى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يارغول كىچىك بازىرىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچىدىغان مەمەتئېلى قۇربان 7- ئاينىڭ 1- كۈنى.

يېزا ئەمىن ئۆيى، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى... «ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا مايىللىشىش» پىرىنسىپى بويىچە، خۇنەن ئۆلكىسى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سالغان، ئاساسىي قاتلامغا سالغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %83.08كە تەڭشەپ، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئىنتايىن زور نەپ يەتكۈزدى.

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لىن دېيۇڭ مۇنداق دېدى: خۇنەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە باشتىن - ئاخىر «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى.

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، كۆپ ساھە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى. 8- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مەركەزلىك شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سەككىز باغچە رايونى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى باغچە رايونى تۇرپان شەھىرىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۆت باغچە رايون ھەم دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىپ، «بىرگە بىر» «بىرگە كۆپ» نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇنەن يەنە 25 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسىدىن 25نى قۇرۇشىنى قوللاپ، 18 نامرات كەنتنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈركۈم - تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ ئامما دائىم غەم قىلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلىندى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈشتەك بىر قاتار تەسىرلىك ھېكايىلىرى ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقالدى... خۇنەن بىلەن تۇرپاندىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەم فۇرۇڭ گۈلىدەك شۇنچە گۈزەل، ھەم تۇرپان ئۈزۈمىدەك شۇنچە شېرىن داۋاملاشماقتا.

گۇاڭدۇڭ: باشلامچى تۈرتكە بولۇش    ئىككى قانات تەڭ پەرۋاز قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى بازىسىدىن قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولغان قەشقەرغىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قەدىمى 10 مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىپ، مەزمۇت، كۈچلۈك بولدى. 2010- يىلىدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «بىر باشلامچى (خەلق تۇرمۇشىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش)، ئىككى قانات تەڭ پەرۋاز قىلىش (كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش)»تىن ئىبارەت ئومۇمىي جەھەتتىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 3- شىسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا، كوناشەھەر ناھىيەسى ئۇپال بازىرى ئاقئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەيرىگۈل مەمەتتە ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغىنى شۇكى: «كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئاسفالت يوللار تۇتاشتۇرۇلدى، يول چىراغلىرى يورۇپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ كۈنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇشى بىلەن كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئاقئۆستەڭ كەنتىگە ئوخشاش كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان كەنتلەردىن يەنە نۇرغۇنى بار.

ئەمەلىيەتتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويغاندىن باشلاپ، ئىزچىل ھالدا خەلق تۇرمۇشىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئەڭ چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتۇپ كەلدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، پىلان ئىچىدىكى %88تىن كۆپرەك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش، مائارىپ ۋە داۋالاش - سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە سالماقنى زورايتتى.

7- ئاينىڭ 1- كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىدىكى فوشەن ئىگىلىك تىكلەش كەسىپلەر باغچىسى پەيزاۋات شىڭيې ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش بازىسىدا، پەيزاۋات ناھىيەسى يىچېڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 1- قارارلىق تۈرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولۇپ، 9 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.

شىڭيې ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش بازىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، باغچە ئىچىدە باغچە بولۇش» ئەندىزىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشى بولۇپ، بۇ يىل ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تۈرىدىكى يەتتە كارخانا بۇ بازىغا ماكانلاشتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دىققەتنى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈردى، پەيزاۋات سانائەت باغچە رايونىدىن باشقا، يەنە كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجوۋ يېڭى شەھەرچىسى، بىڭتۇەن ساۋخۇ گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. 2018- يىلىلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا 32 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى زور كۈچتە ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، يەنە ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مائارىپ ۋە داۋالاشتا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ «ئۆگىتىشى، ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشى» ئارقىلىق، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى روشەن كۈچەيدى.

شېنجېن: ئالاھىدە رايون تەجرىبىسى    تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

«مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ئىچىدىكى بىردىنبىر پىلانى ئايرىم شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئىشنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ قىلىپ، <شېنجېن سۈرئىتى> <شېنجېن سۈپىتى> ۋە <شېنجېن ئۆلچىمى>نى قوللىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.» 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن فۇيۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە جەمئىي 900دىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساس ئىگىسى ئەۋەتتى، تەخمىنەن 8 مىليارد 400 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى سالدى، تۈرلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 664نى تەشكىللەپ يولغا قويدى... قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ئورتاق قۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش، سۈرئەتنى تېزلىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

قەشقەر ۋىجدان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى شېنجېن شەھىرىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇلتۇر شۇ جايدىكى 270 توننىدىن ئارتۇق كىچىك يۇمىلاق چىلاننى توردىكى يول ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى مەخمۇت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىزنىڭ چىلانلىرىمىزنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىنىش باھاسى يەتتە - سەككىز يۈەن بولۇپ، ئۈچ يىل ئىلگىرىكىدىن بىر قاتلاندى».

يۈەن فۇيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر يېزىدا بىر سىياسەت بولۇش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شېنجېن شەھىرى قەشقەر شەھىرىدىكى 52 مىڭ 600 ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شېنجېن شەھىرى قەشقەر شەھىرىدە «بىر باغچە، بىر شەھەر، بىر مەكتەپ، بىر رايون، بىر مەركەز»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن پەرپا قىلىپ، كەسىپلەر توپلىنىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، شېنجېن شەھىرى «دەل جايىدا بولۇش +ئۇزاق ئۈنۈم، ئېكولوگىيە + پەن - تېخنىكا»دىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى مەركەزلەشكەن شەكىلدىكى فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ناھىيەنىڭ ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئىككى تەرەپ پۈتۈن رايون ساياھىتى سۈپەتلىك ماركىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، شۇ جاينىڭ ئېگىزلىك ساياھەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شېنجېن شەھىرى 2 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، «بىر شەھەر، بىر ناھىيە»دە 162 يەسلى ھەم شېنتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، شېنكا مائارىپ باغچە رايونى، قەشقەر داشۆسى قاتارلىق تۈرلەرنى ياردەم بېرىپ قۇرۇپ، يەسلىدىن داشۆگىچە، ئاساس مائارىپتىن ئالىي مائارىپقىچە، ئادەتتىكى مائارىپتىن كەسپىي مائارىپقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شېنجېن 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان قەشقەر داشۆسىنىڭ شىنچۈەن مەكتەپ رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار ۋە ئاساس مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم بازا بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى