تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باي ناھىيەسى: 100 مىڭ دانە نامراتلارنى يۆلەش قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  يېقىندا، باي ناھىيەسى قاراباغ يېزىسى كۆتەكتۇر كەنتىدە، 100 مىڭ دانە نامراتلارنى يۆلەش قارا مور باكتىرىيە تاياقچىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. قاتار-قاتار، رەتلىك تىزىلغان زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنىڭ ئۈستى چوڭ-كىچىك قارا مورلار بىلەن تولغان ئىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت» كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى يىغىۋېلىش، ئاپتاپقا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە شەكىللەندى.

  ئىگىلىنىشچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + كوپىراتىپ + نامرات ئاھالە» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 200 مىڭ يۈەنلىك قارا مور ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تېرىقچىلىق تۈرىدىن پايدىلىنىپ، قارا مور كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھەمدە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى پۈتۈن مۇساپىدە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

  (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن كاڭ يەنجۈن تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى