تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدە تۆت يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ لىجۈن): مۇخبىرنىڭ خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، كورلا — قاناس، قاراماي — قاناس، بورتالا — نارات ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى كورلا — ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئىبارەت تۆت شىنجاڭ ئىچى يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.

  كورلىدىن قاناسقا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرىدە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى: بېرىش مۇساپىسىدە سائەت 16 دىن15 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە قاناسقا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 18 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە قاناستىن ئۇچۇپ، سائەت 19 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ كېلىدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرىدە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى: بېرىش مۇساپىسىدە سائەت 16 دە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە قاناسقا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 18 دە قاناستىن ئۇچۇپ، سائەت 19 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ كېلىدۇ.

  كورلىدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە تۆت نۆۋەت قاتنايدۇ، دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى: بېرىش مۇساپىسىدە سائەت 21 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 22 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 23 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ كېلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئايروپىلان بېلىتى يولغا قويۇلىدۇ، يولۇچىلار خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى تورى ۋە ھەرقايسى چوڭ ئالاقە تورى بېلەت سېتىش سۇپىلىرىدىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، تەپسىلىي ئەھۋاللارنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 24 سائەتلىك مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 6633-600-400گە تېلېفون بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى