خەلق تورى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (لى ياۋېن): بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇشۇ قېتىملىق يازلىق بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىرگە يازلىق بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئوينىدى، قارشى تەرەپ فېنىكس قۇياش كوماندىسى بولدى. نەتىجىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 94:64 نەتىجە بىلەن قۇياش كوماندىسىغا يېڭىلىپ، بىر مەيدان يېڭىش، تۆت مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجىدە بۇ قېتىملىق يازلىق بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.
سانلىق مەلۇمات تۆۋەندىكىچە، گو ئەيلۇن 15 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان ئۈچ توپقا ئېرىشتى، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ خۇ جىنچيۇ 11 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان بەش توپقا ئېرىشتى؛ شېن زىجيې 10 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان ئۈچ توپقا ئېرىشتى؛ جاۋ رۈي توققۇز نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان ئىككى توپقا ئېرىشتى؛ قىرانبېك ئالتە نومۇر ئالدى؛ فاڭ شو تۆت نومۇر ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى.