ئاپتورلار: ياڭ شياۋچيەن، جاڭ ۋېنتىڭ، لى چۈنپىڭ، لى جىنۋېي، كېن جياتەي، خۈەي جىچاۋ، لى شياۋفېي
خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
فىلىمنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
كۈنەس ناھىيەسى شىنجاڭدىكى داڭلىق يايلاق شەھىرى بولۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ساياھەت بايلىقى، ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مول بولغان ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى بار، ئۇ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىدىكى ئۆتەڭ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، تاغلىرى ھەيۋەت، سۇلىرى سۈزۈك، كېلىماتى يېقىشلىق، ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى مول بولۇپ، «يايلاقتىكى مەرۋايىت» دەپ تەرىپلىنىدۇ.