مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 10:00 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى دېيىلىدۇ) بۇ لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ زاپاس سۇ ساقلىۋېلىشىنى ئەسكەرتتى!
7-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 10:00 دىن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10:00 غىچە قارلىغاچلىق يولى، غالىبىيەت يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى، شىمالىي ئازادلىق يولى، تىنچلىق يولى، جۇڭسەن يولى، جيەنكاڭ يولى، جيەنگو يولى، تىيانشان يولى، جىنيىن يولى، خەلق يولى، يېڭىشەھەر يولى، ئىتتىپاق يولى، شىنخۇا جەنۇبىي يولى، شىنخۇا شىمالىي يولىنى بويلىغان لىنىيەدە سۇ توختايدىكەن.
ئەگەر ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ توختاش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدىكەن.