تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى، خوتەن شەھىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى نامايان قىلىش كېرەك.

7- ئاينىڭ 13- كۈنى ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، شۆھرەت زاكىر گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى بەلقۇم كەنتىدىكى غازچىلىق كەسپى چۈجە چىقىرىش مەيدانىغا كەلدى. چۈجە چىقىرىش مەيدانىدا ئىشچىلار چۈجە چىقىرىش ماشىنىسىدىكى غاز تۇخۇملىرىنى تەكشۈرۈپ، ماشىنىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇۋاتاتتى. شۆھرەت زاكىر گۇما ناھىيەسىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى. دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرتكىلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەۋقەنى بازار ئېھتىياجىغا قويۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكى، خاس كەسىپ ۋە خاس ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

قاراقاش ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بازار ئېھتىياجى ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇسىنى يۆنىلىش قىلىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان دېھقان - چارۋىچىلارنى بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ھەقسىز ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدى ھەم شەخسنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى ياكى خىزمەتكە تونۇشتۇردى. شۆھرەت زاكىر دەرسخانىغا كىرىپ، دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: نامرات ئاممىنىڭ ياخشى كۈن ئۆتكۈزۈش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسى ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى كېڭەيتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

7- ئاينىڭ 14- كۈنى، شۆھرەت زاكىر خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى شىنجاڭ ياڭاق (خوتەن) سودا بازىرىغا كېلىپ، ياڭاق بازىرى راسچوت مەركىزى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالى ۋە ياڭاق مېغىزىنى ئايرىپ پىششىقلاش سېخىغا كىرىپ، كارخانىلارنىڭ بازار قۇرۇلۇشى، تىجارىتى، نامرات ئاھالىلەرنى قوبۇل قىلىپ كوپىراتىپقا كىرگۈزۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىركەت + بازا + دېھقان» ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىپ، بىۋاسىتە سېتىش، تېز ئوبوروت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك. ئاپتونوم رايون باش مەسئۇل بولۇش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا، نامرات ناھىيەلەرگە قارىتا قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش