تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى چوڭقۇر بەرپا قىلدى

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىۋاسىتە ياۋروپا - ئاسىياغا تۇتاشتۇرۇلدى     يۈك توشۇش مىقدارى زور كۆلەمدە ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى - ئالمائاتا يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇنجى قېتىم ئايروپىلان قاتنىدى، بۇ، بۇ يىل 5- ئايدا ئۈرۈمچى - بىشكەك يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا يېڭىدىن ئېچىلغان ئىككىنچى خەلقئارا يۈك ئايروپىلانى لىنىيەسى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش تۈگۈنى بەرپا قىلىشتا يەنە بىر قەدەم ئالغا باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا ھازىر خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 23ى بار بولۇپ، 17 دۆلەت، 22 خەلقئارا ھەم رايون شەھەرلىرىگە قاتنايدۇ. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە ئايروپورتتا خەلقئارا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قورساق بۆلۈمىسىدە ئېلىپ مېڭىلغان يۈكنىڭ كىرگۈزۈلۈش - چىقىرىلىش مىقدارى 534.58 توننا ئورۇندىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.82 ئاشتى. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە ئايروپورتتا خەلقئارا يۈك ئايروپىلانىدا 1707.39 توننا يۈك كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى ئورۇندىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %151.81 ئاشتى. ياۋروپا تەرەپكە كۆپىنچە ئېلېكتىرونلۇق سودا مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك، ئويۇنچۇق قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىندى، ئاساسلىقى سۈت پاراشوكى، ئېلېكتىرومېخانىكىلىق ئۈسكۈنىلەر، قىزىل ھاراق، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىندى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، رۇسىيە تەرەپكە كۆپىنچە ئۇششاق تاۋارلار، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىندى، ئاساسلىقى توڭلىتىلغان، يېڭى سۇ مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەم مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بەزى كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىندى.

شىنجاڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش بازىرىدا، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇستەقىل باشقۇرغان قىسمى ئوخشاشلا مول نەتىجىگە ئېرىشتى. 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى ئارقىلىق خەلقئارا ئىمپورت - ئېكسپورت يۈكىدىن جەمئىي 1296 توننا توشۇدى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسەت پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدا يۈك «پەقەت چىقىرىلىدىغان، كىرگۈزۈلمەيدىغان» يەككە يۆنىلىشلىك ھادىسىدە بۇرۇلۇش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيانىڭ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق ئىمپورت قىلغان يۈك مىقدارى 370 توننىدىن ئاشقان، 2019- يىلى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە 220 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان. بۇ يىل 6- ئايدىلا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى دۈشەنبە، بىشكەك، تاشكەنتتىن بىۋاسىتە ئۈرۈمچىگە توشۇغان گىلاس 101 توننىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۈشەنبە، تاشكەنتنىڭ گىلاس مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە ئاشقان.

7- ئاينىڭ 7- كۈنى، تيەنجىنلىك يولۇچى ليۇ شۇ ئالايىتەن تيەنجىندىن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋىيېنناغا قاراپ ئۇچتى، «ئالدى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، ئاندىن ياۋروپاغا بارغاندا، ئايروپىلان بېلەت باھاسى %20 ئەرزان بولىدۇ، يەتتە سائەتتە ھېرىپ كەتمەيمىز.» شىنجاڭدىكى تۇنجى ياۋروپا مەركىزىي رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى گۇاڭجوۋ - ئۈرۈمچى - ۋىيېننا لىنىيەسى ئېچىلغاندىن بۇيان، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ تۆۋەنلىمىدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بېكىتكەن كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭدىكى تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى غەربتە ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپانى قاپلاپ، شەرقتە ياپونىيە، كورېيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتىشىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا رايونىدىكى تەسىر كۈچى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خەلقئارا ھاۋا لىنىيەسىنى كۈچەپ ئېچىشتىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنى يادرو قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلارغا پائال يۈزلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدە رۇسىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەت ئەللىك ئايروپىلان باشلىقى جەمئىي 30دىن ئاشىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى چەت ئەللىك ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2023- يىلى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدىكى چەت ئەللىك ئۇچقۇچى 60تىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش