تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشنى سېلىشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تەشكىللەپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، سەمىمىي يولغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قېتىم مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەقلىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا توغرىلىنىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر ئورگانلىرى نۇقتىلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئۆز پېتى بېجىرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان - ئاشۇرمىغانلىقىغا قارىشى كېرەك؛ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قارىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشتا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇش مەسىلىسىنىڭ ساقلانغان - ساقلانمىغانلىقىغا قارىشى كېرەك؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشتا، قەتئىي ھالدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى يەڭگەن - يەڭمىگەنلىكىگە، قاتتىق بولۇشنى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتقان - سىلجىتمىغانلىقىغا قارىشى كېرەك؛ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشتا، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى مەھكەم تۇتقان - تۇتمىغانلىقى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان - ئاشۇرمىغانلىقىغا قارىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر ئورگانلىرى سىياسىي ئورگانلىق روشەن خىسلىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىشى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى كېرەك. مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىپ، دورا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىشتەك كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئاساسنى پۇختىلاپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش تەدبىرىنى ياخشى قوللىنىشى كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھى يېتەرلىك بولماسلىق، ئۆز پايدا - زىيىنىنىڭلا غېمىنى يېيىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، نەتىجە ياراتماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تۈزىتىپ، پاكلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق، تىرىشچانلىق ۋە پاكلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىشقا، ھاماقەت ئەمەلدار، ھۇرۇن ئەمەلدار، چاكىنا ئەمەلدار، خىيانەتچى ئەمەلدار بولماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»نىڭ تەلىپى بويىچە، باشلامچىلىق بىلەن شەكىلۋازلىقنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى قاتلاممۇقاتلام ھۆججەت تارقىتىش، قاتلاممۇقاتلام يىغىن ئېچىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش كۆپ بولۇش، كەينى - كەينىدىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىردىن - بىردىن ئەمەلىي تۇتۇپ تۈزىتىش كېرەك. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىپ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنى بىر قىپقىزىل بايراققا ئايلاندۇرۇش، ھەربىر ياچېيكىنى پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىدىغان جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.