تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېھىر - مۇھەببەتتە تىيانشاننى ئىللىتىش

− يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىش ②

شاڭخەي ياردەم بېرىپ قۇرغان يەكەن ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىكى زامانىۋى چوڭ پارنىكى (2017 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تارتىلغان). سۈرەتنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى خەن مېڭلېي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا (2018 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تارتىلغان).

(ليۇ مېي فوتوسى)

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا قايتىدىن ئېچىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

6- ئاينىڭ 22- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈجوۋ شەھىرى ياردەم بېرىپ قۇرغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى كۆچۈرمە كەنتىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا ئاقسۇ دىڭلۇڭ باش كىيىم چەكلىك شىركىتىنىڭ ئايال ئىشچىلىرى خىزمەت قىلماقتا.

(يۈ ليۇدۇڭ فوتوسى)

6- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى گۇما ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. (سۈرەتنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن)

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ 7- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى ئەرشىلدەن كەنتىدە خالىس كېسەل كۆرمەكتە (2018- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان). (سۈرەتنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن)

خېيلۇڭجياڭ: داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

بىر دوختۇرخانا بىر بۆلۈمگە تۈرتكە بولدى، بىر ئىختىساس ئىگىسى بىر بۆلۈمگە يېتەكچىلىك قىلدى، بىر بۆلۈم بىر جايدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «ئادەمنى كۈچەيتىش»نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئارىلاشما شەكىل»دە ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ «بۆلۈمنى كۈچەيتىش»نى مەۋقە قىلىپ، «مۇستەقىل شەكىل»دە ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ «دوختۇرخانىنى كۈچەيتىش»نى تىرەك نۇقتىسى قىلىپ، «ئاپپارات شەكلى»دە ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ «كەسىپنى كۈچەيتىش»نى ماكان نۇقتىسى قىلىپ، «ھەمبەھرە شەكىل»دە ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتتى. «تۆتنى كۈچەيتىش» داۋالاش «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى خىزمەت ئەندىزىسى ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى.

2017- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ، خېيلۇڭجياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمدە 204 نەپەر «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئىختىساس ئىگىلىرىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەم قارىمىقىدىكى ئۈچ ناھىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10- شىسى بېيتۈن دوختۇرخانىسىغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويدى.

ئىختىساسلىقلار دوختۇرخانىلارنىڭ ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان بايلىقى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن شۇ يەردىكى ئوخشاش كەسىپتىكى ئىختىساسلىقلار ھەم ئۆزئارا باغلىنىشلىق كەسىپلەردىكى ئىختىساسلىقلاردىن كەسىپنى يادرو قىلغان، ئالاقىدار كەسىپلەرنى قوشۇمچە قىلغان «ئارىلاشما شەكىل»دىكى داۋالاش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئىچكىرى جايلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىلاردا «يىلتىز تارتىشى»نى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، «ئارىلاشما شەكىل»دىكى داۋالاش - سەھىيە ئۆمىكىدىن جەمئىي 121نى تەشكىللەپ قۇردى، ئۆمەك ئەزالىرى جەمئىي 477 نەپەر بولۇپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر لى خۇڭبىن ئۆمەكتە «ئۆمەك باشلىقى»لىق رولىنى ئۈستىگە ئالدى. شۇ جايدىكى دوختۇرلارغا ئۆسمە كېسىلى بۆلۈمىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى تېزرەك ئىگىلىتىش ئۈچۈن، ئۇ ھەپتىدە بىر قېتىم بىر سائەت داۋاملىشىدىغان چوڭ لېكسىيە تەشكىللىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇ بۇ خىل ئۆگىنىش شەكلىدە ۋاقىت كۆپ كېتىدىغانلىقى، ئۈنۈمىنىڭ ئاز بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، كۈندە بىر قېتىم ئەتىگەنلىك يىغىندىن كېيىن بەش مىنۇتلۇق كىچىك لېكسىيە سۆزلەشكە ئۆزگەرتىپ، ھەر قېتىمدا بىرلا مەسىلىنى سۆزلىدى، ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى.

2017- يىلىنىڭ بېشىدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 20 داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى شىنجاڭغا كىرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان توققۇز داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى بىلەن ياردەم بېرىش بويىچە قوشماقلىشىپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىردىن تۆتكىچە داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ شۇ جايدىكى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان بىر ئورۇنغا ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. نۆۋەتتە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە «ئاپپارات شەكلى»دە ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئورۇن پۈتۈن ئۆلكىدىكى 134 داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتىغىچە كېڭەيدى. «ئاپپارات شەكلى»دە ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئورۇنلار بىلەن ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىۋاسىتە ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

مۇشۇ ئاساستا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىختىساسلىقلاردىن ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەرقايسى داۋالاش ئۆمەكلىرىدىكى ئىختىساسلىقلاردىن ھەمبەھرىلىنىشنى يولغا قويۇپ، ئەقىلنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش - سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سىجىل تۈرتكىسىدە، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش - سەھىيە قوشۇنى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش - سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇستەھكەم تىرەككە ئايلاندى.

شاڭخەي: تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

شاڭخەي بىلەن قەشقەر، 5000 كىلومېتىر ئارىلىق، تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يەر شەكلى ۋە مەنزىرە. «خاراكتېر» پەرقى بەكلا چوڭ ئىككى شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەۋەبلىك ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن بۇيان، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇپ، قەشقەرنى ئىشىك ئالدىدىلا ياخشى دوختۇرخانا، تاغ ئېتىكىدە يېڭى مەكتەپ، چۆلدە كەسىپلەر باغچىسى...غا ئىگە قىلدى.

«بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شاڭخەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئوتتۇرىغا قويغان جاراڭلىق شوئار. 2010- يىلىدىن بۇيان، شاڭخەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە 355 كەسىپ تۈرىنى يولغا قويدى، 4 مىليارد 519 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى؛ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 1144نى تاماملاپ، 60 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغنى نەقلەشتۈردى، 2017-، 2018- يىلىدىن ئىبارەت ئىككى يىلدىلا، شاڭخەي قەشقەردىكى تۆت ناھىيەنىڭ كەسىپلىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، 265 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

24 ياشلىق تۇنساگۈل تۇرغۇن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى.

«ئىشىك ئالدىدىلا ئىشلىسەم، ھەم بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ھەم ئىشلەپ پۇل تاپالايمەن، ناھايىتى قولايلىق!» تۇنساگۈل مۇنداق دېدى: «مەن بىر كەنت ئاھالىسى، تىككەن كىيىملىرىمنى چەت ئەللىكلەر كىيسە ئۆزۈمنى ناھايىتى قالتىس ھېس قىلىمەن».

2018- يىلى شاڭخەينىڭ نىشانلىق ياردىمىدە قەشقەرنىڭ تۆت ناھىيەسىدە يېڭىدىن 136 مىڭ 100 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 221 مىڭ 100 نامرات ئاھالە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە، كارخانىلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 48 مىڭ 700 ئادەم.

شاڭخەينىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ھازىر «بېلىق بېرىش»تىن «بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش»كە ئۆزگىرىپ، يەرلىكتىكى كادىرلار، ئاممىغا نۇرغۇن ئىلھام بەرمەكتە.

قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار باشلامچىلىق بىلەن شاڭخەيدە «قوش لىنىيەلىك توققۇز كىرگۈزۈش» تەشۋىق قىلىش ۋە كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ئۈچۈن «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان» كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، يەنە «ھۇجرىدىن چىقىپ باقمىغان» قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇردى.

داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك كېسەل يېزىدىن چىقماسلىق، چوڭ كېسەل ناھىيەدىن چىقماسلىق، مۇرەككەپ كېسەل قەشقەردىن چىقماسلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

شاڭخەينىڭ 9- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى سۈي يۇڭ مۇنداق دېدى: «بەش دەرىجىلىك تور ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايىتىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ، تۆۋىنى كەنت شىپاخانىسىغىچە، يۇقىرىسى شاڭخەي رۈيجىن دوختۇرخانىسى، فۇدەن داشۆسى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغىچە ئۇلاندى.» داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلەتتى.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەركەز چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، شاڭخەينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەپلىك سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تارىخىي بۇرچى.» شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شى جيامىڭ مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ئىشلەپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز».

جياڭسۇ: بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش چىن ھېسسىيات بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ئىرادىلىك، يىراقنى كۆزلىگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىختىساسلىقلىرى جياڭسۇ تۇپرىقىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە پامىر ئېگىزلىكىگە ئاتلىنىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ سەلتەنەتلىك ناخشىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقتى.

7- ئاينىڭ 9- كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى «جياڭسۇ نەنتۇڭ يېنىك توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى»دىكى غۇلجا سەنرۈن كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا، ئەزىزگۈل پىشقان ماھارىتى بىلەن شىم تىكىۋاتاتتى. ئۇ ئېھتىمال ئۆزى تىككەن شىملارنىڭ بىر ھەپتىدىن كېيىن ياپونىيە بازىرىدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئەزىزگۈل تېخى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغان دېھقان بولۇپ، پەقەت ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تېخنىكا - ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ئۇ بىر دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ زاۋۇتنىڭ رىتىمىغا كۆنۈپ بولدى، «ناۋادا يەنە ئۆيگە قايتىپ بىكار ئولتۇرسام كۆنەلمەيمەن» دېدى ئۇ.

ئومۇميۈزلۈك نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتمەكتە. جياڭسۇنىڭ ئىلىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆزىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى. ئۈچ يىلدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن جەمئىي 315نى يولغا قويدى، تۈر مەبلىغى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %48تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئالدى بىلەن تېرىقچىلىقنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەپ، 4000 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنىڭ 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشىغا ياردەم بەردى؛ سۇنىڭ يىگوۋ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە پىراكتىكا قىلىش - تەربىيەلەش دۇكىنىنىڭ، سۇنىڭ پىنگوۋ تۈرىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى 30 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۇدا ئىككى يىل، قورغاس ناھىيەلىك جياڭسۇ ئوتتۇرا مەكتىپى «جياڭيىن سىنىپى»نىڭ 1- تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس نومۇر چېكىگە يېتىش نىسبىتى %100كە يەتتى، غۇلجا ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ «نەنتۇڭ سىنىپى»، نىلقا ناھىيەلىك ۋۇجىن ئوتتۇرا مەكتىپى «ۋۇجىن سىنىپى»نىڭ 2- تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس نومۇر چېكىگە يېتىش نىسبىتى %100كە يەتتى. مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب مەكتەپلەرگە كىردى، كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتماقتا. كىتابلار بىلەن بىللە ئۇلارغا ھەمراھ بولغانلاردىن، يەنە جياڭسۇدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بار.

جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلاردىن مائارىپلا بولۇپ قالماي، يەنە داۋالاشمۇ بار. ئۈچ يىلدىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى «بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەسلىدىكى يەككە دوختۇرخانىغا ياردەم بېرىشنى پۈتكۈل سەھىيە - داۋالاش سىستېمىسىغا قارىتىلغان ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كېڭەيتتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 80 داۋالاش مۇتەخەسسىسى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا بىرتۇتاش تەڭشەپ تەقسىملىنىپ، كەسىپ بويىچە ئالماشتۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش - ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈم ئېففېكتى ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى سىجىل زورايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتلەردىن شەھەرلەرگىچە، مائارىپتىن داۋالاشقىچە، كەسىپتىن سۇپىغىچە، جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

جېجياڭ: يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

يىراق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولى، قويۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېھرى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارغا تۈر، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىدىيە ئېلىپ كېلىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى.

يېقىندا، تەيجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 6 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ ياردەم بېرىپ قۇرغان ئارال شەھەرلىك مەدەنىيەت (كىتاب) سارىيىنىڭ 2- قارارى رەسمىي ئېچىلدى، بۇ تۈردە مەدەنىيەت (كىتاب) سارىيىدا يېڭىدىن 60 مىڭ پارچە كىتاب، 200 مىڭ پارچە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب كۆپەيدى. سارايدا يەنە كىتاب ساقلاش رايونى، ئاممىۋى كىتاب ئوقۇش زالى، كىتاب ئېقىش پونكىتى، ئىستىراھەت كىتاب ئوقۇش كارىدورى قاتارلىق ئىقتىدار رايونلىرى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، دېڭىز - ئوكيان رەسىم سىزىش رايونى، تۇراقلىق ئىبارە بويىچە بەسلىشىش رايونى، قالتىس يۈگۈرۈش ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئەقىلنى ئاچىدىغان بەدەن سېزىمى ھەمتۈرتكە ئۈسكۈنىسى سەپلىنىپ، بالىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، قوماندان ۋاڭ تۇڭلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 2019- يىلىنى جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى «مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئۇللۇق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتتىق كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش 211 ھەرىكەت پىلانى»نىڭ رولىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق ئۇل خىزمەتلەرنى يەنىمۇ پۇختىلايدۇ ھەم مەۋقەنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئاممىنى بېيىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە قويۇپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتىدە، ئونسۇ ناھىيەسى شىننۇڭ زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كىچىككىنە زەمبۇرۇغ كالتىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلاندى، بۇ يەردە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى نەچچە كۈندە بىر قېتىم بىر تۈركۈم يېڭى قارا مور ئۈزەلەيدۇ.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جۇ لىۋېن جېجياڭ جىنخۇادىن، 2014- يىلى، جىنخۇا شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇ ئونسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش تۈرىنى ئاچتى. بەش يىل ئىچىدە، ئۇ شۇ جايدا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان شياڭگۇ، قارا مور، قېرىنسىمان موگۇ، مايمۇنباش موگۇ قاتارلىق ئون خىلدىن ئارتۇق زەمبۇرۇغ سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە، قارا مور جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كەنتتە كېڭەيتىلىپ تېرىلىپ «10 مىڭ مو، 100 مىليون يۈەن» تۈرىدىكى تۈۋرۈك كەسىپنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

بۇ ئىككى يىلدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى باغدا قارا مورنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش - ئېچىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مۇنەۋۋەر كارخانىلارنى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىدىغان «10 مىڭ مو، 100 مىليون يۈەن» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، قارا مورنىڭ كەسىپ تېخنىكا سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1- شىسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ توننا ئالما، نەشپۈت، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى جايلاردىكى بازارلاردا سېتىلدى.

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋامىدا، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابلىرى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ھازىرقى ئاساسى ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كەسىپلەر باغچە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «X+1»، مۇستەقىل زاۋۇت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەندىزىنى قوللىنىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنخۇي: «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى داۋجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ شىنيۈ

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئارقىلىق، گۇما ناھىيەسىدىكى 62 نامرات كەنت، 19 مىڭ 924 ئائىلىلىك 85 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسى خېجيا يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇزەينەپ مەتتوختى پارنىكتا شوخلا ئۈزۈۋاتاتتى. پارنىكتا ئەمگەك قىلىپ، ئۇ ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپىدۇ. ئۇنىڭ ئېرى سۇ، پار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇزەينەپكە كۆچۈرۈلگەن نۇقتىدا يەنە بىر كۆكتات پارنىكى، ئۈچ مو يەر ۋە 80 كىۋادرات مېتىرلىق بىر قوتان تەقسىم قىلىندى.

خېجيا يېڭى كەنتىدىكى ئىككى باشقا جايدىن كۆچۈرۈش نۇقتىسىدا، 1816 ئائىلىلىك 8100دىن ئارتۇق نامرات ئاھالە «كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ھەر ئايدا قولۇمغا 4000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تېگىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردىكى خىزمىتىم ناھايىتى ياخشى!» يېقىندا، گۇما ناھىيەسىدىكى ئەنخۇي سانائەت باغچە رايونى خوتەن خەيلو شەكىللىك ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە، ئەمدىلا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىشچى گۈلبەھرەم ئابلىكىم مۇخبىرغا شۇنداق دېدى. 2017- يىلى 7- ئايدا كەسىپلەر باغچىسى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، گۈلبەھرەم 1- تۈركۈمدىكى ئىشچى - خىزمەتچىگە ئايلاندى، ئۇنىڭغا ئوخشاش دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسى سالاھىيىتىگە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان دېھقانلاردىن خوتەن خەيلو شەكىللىك ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە 300دىن كۆپرەكى بار.

2019- يىلى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن توققۇز كارخانىنى گۇمىغا ماكانلاشتۇردى ھەم ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، باغچە رايونىدا ماكانلاشقان كارخانا 70تىن كۆپرەككە يېتىپ، شۇ جايدىكى جەمئىي 6000دىن كۆپرەك دېھقان - چارۋىچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ئايگۈل شاۋۇدۇن گۇما ناھىيەسى موجى يېزىسى كونا تۈگمەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، 2017- يىلى ئەنخۇي خۇەيبېيدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆگىنىش ۋە سىڭىشىش ئارقىلىق، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى «ئۇستا» بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يەتتى. بۇ بىر نەچچە يىللىق ئىشلەمچىلىك كىرىمى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئايگۈلنىڭ ئەنخۇيدا ئىشلەمچىلىك قىلالىشى ئەنخۇي ۋە شىنجاڭ ئىككى جاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇدا بىر نەچچە يىل يولغا قويغان «مىڭ كىشىنى ئەنخۇيغا ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى»نىڭ پايدىسىدىن بولغان. 2017- يىلىدىن باشلاپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى گۇمىدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەنخۇيغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا پائال يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنخۇينىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىكى كارخانىلارنى گۇمىلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، گۇمىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بىر ئىللىق يول ياساپ بەردى.

ھازىرغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 5000نى خېفېي، خۇەيبېي قاتارلىق جايلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ يۆتكىدى.

فۇجيەن: مېھىر ۋە ئەقىل بېغىشلاش مەردانە، كۈچلۈك بولۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەي يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن

فۇجيەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، فۇجيەن ئامىللىرى ۋە كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز قوشۇلماقتا. كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقىچە فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قەدىمى مەردانە، كۈچلۈك بولدى.

2017- يىلىدىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ 7- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خىزمەت ئەترىتىدىكى 197 كادىر، ئىختىساس ئىگىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تۈرلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇش، كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا دىققەتنى كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سانجى ئوبلاستى ئىقتىسادىنىڭ «پېيىنى چىڭىتىپ، سۆڭىكىنى زورايتتى». 2017- يىلى 8- ئايدا، سانجى ئوبلاستى فۇجيەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، سودا ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «كارخانىچىلارنىڭ سانجى سەپىرى − كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئۆتكۈزدى، سانجى ئوبلاستى 20 مۇھىم، زور ئىمزالاش تۈرىگە ئېرىشتى، ئومۇمىي ئىمزالاش سوممىسى 19 مىليارد 973 مىليون يۈەن بولدى. 2017- يىلىدىن بۇيان، فۇجيەن كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 137نى ئىمزالىدى، توختام سوممىسى 38 مىليارد 545 مىليون يۈەن بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئەمەلىيلەشكەن تۈر 127، سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 19مىليارد 26 مىليون يۈەن، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 8 مىليارد 429 مىليون يۈەن بولۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ كۆپلىگەن ساھەدىكى كەسىپلىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە قەدەم قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مۇقىم قەدەم بىلەن مېڭىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

بۇلتۇردىن بۇيان، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن فۇجيەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نىڭدې، لۇڭيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 17 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى ئەرشىلدەن كەنتىدە «10 بىر» ياردەم بېرىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىپ قۇرۇپ، ئۇنى سانجى ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىگە ئايلاندۇردى.

فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللاش يېڭى ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سىرتقا سېتىش يېڭى سۇپىسىنى ئۈنۈملۈك ئاچتى. مورى قومۇل قوغۇنى مەخسۇس سېتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، 6 مىليون كىلوگىرام قومۇل قوغۇنى سېتىپ، يىللىق كىرىمنىڭ 15 مىليون يۈەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. پۇتيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ماناس زۇمرىتىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشىپ، سېتىلىش سوممىسىنىڭ 60 نەچچە مىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگە كۈچ قوشتى. سەنمىڭ شەھىرى، نىڭدې شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى باشلامچى كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ شىڭباۋگۇ قاتارلىق توققۇز تۈردىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يىللىق كىرىمىنى 300 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى. فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پىلانلىغان «فۇجيەنلىك تۇغقاننىڭ سانجى ساياھىتى» يىپەك يولى ساياھەت مەخسۇس پويىزى ۋە ھۆددە ئايروپىلان ساياھىتى ئارقىلىق، 2018- يىلى فۇجيەندىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىنى 650 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزدى.

2017- يىلىدىن بۇيان، فۇجيەن بىلەن سانجى قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدى. «ئائىلە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكەت پىلانى» «100 كارخانا 100 كەنتكە ياردەم بېرىش» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى سانجى ئوبلاستىنىڭ 106 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىپ، 472 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سالدى. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلەتكەن مەبلەغ 67 مىليون 990 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ياردەم بېرىپ قۇرغان تۈر 50 بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 4419 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش