تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەرقىي 2-ئايلانمىسىدىكى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، سۈرەتنى تۈر بۆلۈمى تەمىنلىگەن). ئۈرۈمچى شەرقىي 2-ئايلانما تۈرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ـــ ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ، پۈتۈن لىنىيەدە 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن، قىسمەن تۈر تۈگۈنلىرىدىن باشقا يول بۆلەكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇش پىلانلاندى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى بىلەن ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر ئاستى ئۆتۈشمە يول بىلەن بىر باغلىما كۆۋرۈك قۇرۇش تاماملانغان، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تۆت يېرىدىكى ئۇلنى تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ.

  ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئاستى ئۆتۈشمە يولى بىلەن ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۇلانباينىڭ غەربىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتى ئەتراپىدا كېسىشىدىغان بولۇپ، كەڭلىكى 15.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 220 مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى كىسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 108 مېتىر بولۇپ، شەرقىي 2-ئايلانما ئومۇمىي لىنىيەسى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى يول ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىغا ئارتىلىدىغان باغلىما يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 303 مېتىر، كۆۋرۈكنىڭ كەڭلىكى 9 مېتىر كېلىدۇ.

  شەرقىي 2-ئايلانما تۈرىنىڭ ئىككىنچى توختام بۆلىكىنىڭ باش ئىشچىسى ياۋ يۇڭچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ جايدىكى قۇرۇلۇش بۆلىكى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن كېسىشىدۇ، بۇ يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىللار كۆپ، ئۈرۈمچىگە كىرىپ-چىقىشتىكى ئاساسلىق قاتناش يولى ھەمدە چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى كۆپ قاتنايدىغان بولغاچقا قۇرۇلۇش قىلغاندا قىسمەن يول بۆلەكلىرى ئىتىۋېتىلگەن ۋە ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يول تەسسىس قىلىنغان، ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەرقىي 2-ئايلانما يول تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 43.079 كىلومېتىر، قوش يۆنىلىشلىك 8 ئاپتوموبىل يولى ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن.

  بۇ تۈر تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شاڭشاخې ئۆتۈشمە يولىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يولىغا تۇتىشىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە ئاياغلىشىدۇ، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن كېسىشىپ، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى، شىمىگۇ رايونى، تىيانشان رايونى ۋە سايباغ رايونىدىن ئىبارەت تۆت رايوندىن ھالقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە جەمئىي يەر ئۈستى كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن 13ى تەسسىس قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، شەھەر ئاھالىلىرى كۆۋرۈك، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، يەر ئۈستى كىرىش-چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق شەرقىي 2-ئايلانمىغا كىرەلەيدۇ.

  پۈتۈن لىنىيەدىكى ئۈچ ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئىچىدە، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ، قەشقەر يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى.

  9 كۆتۈرمە كۆۋرۈك مىچۈەن-دۇڭسەن كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، گۈەنيۈەن يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، دۇڭسەن كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، جىنشاتەن يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، يۆجىن كوچىسى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، خۇائېرگوۋ كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، يەنئەن يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، يەنبېي كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ۋە ساڭفاڭگۇ كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كۆۋرۈك تۇتاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش