تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[شىنجاڭدىكى بايقاش] «جەلپكار قاراماي»

  ئوپېراتور: فېڭ جىبىن

  مونتاژ: شۆ خۈي

  ئىدارە ئورۇن: قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى

  قىسقا فىلىم چۈشەندۈرۈلۈشى:

  ھەيۋەتلىك قۇملۇق، بىياپان چۆللۈك، ئاسمان-پەلەك بۇرغىلاش مۇنارى، لەپىلدەپ تۇرغان تۇغلار. ھەيۋەتلىك قاراماي! يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك، ئىلگىرى بىرەر قۇشنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان شەھەر. بۇ يەردە، كىم خوجايىن؟ چۆل-جەزىرىدىكى توغراق، چۆل-باياۋاندىكى قۇم، يەنە جۇش ئۇرۇۋاتقان نېفىتلىك چوڭ قوشۇنى، سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى ئەزىمەتلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ جاينىڭ خوجايىنى. ئادەم بولغاچقا قاراماي بولغان، موگۇيچېڭ رايونىدىكى ھېكايىلەر، ئەيرىك كۆلى رىۋايىتى، قەھرىمانلار ئابىدىسى بۇرغۇسى، كاچالكىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى بولغان. 60 نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت يالقۇنجىغان بۇ ئوت ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قېلىپ، بۈگۈنگە قەدەر غايەت زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ يەرنىڭ مېھرى ئىللىق، مەنزىرىسى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولغاچ، بىز بارا-بارا بۇ يەرنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە باياشاتلىقىغا كۆنۈپ قالدۇق، كۆنۈش جەريانىدا ئىلگىرى قانداق چوڭ بولغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپمۇ قالدۇق، بۇ يەردە ئىلگىرى راستىنلا قۇشلارمۇ ئۇچمىغانمۇ؟ بىر خىش، بىر كاھىش، بىر كوچا، بىر مەھەللە، ئاللىقاچان بالىلىق چاغدىكى كۆرۈنۈش ئەمەس، ئۇ تېخىمۇ گۈزەل ، تېخىمۇ ياخشى. 

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى