2019 كۇنمىڭ جېڭ خې مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئارتىسلار نومۇر ئورۇندىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، 2019 كۇنمىڭ جېڭ خې مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىنىڭ جىننىڭ رايونىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، جېڭ خېنى خاتىرىلەش مۇراسىمى، مىڭ كىشلىك ياڭلاۋ دۇمباق ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۇنمىڭ شەھىرى جىننىڭ رايونى غەرب ئەللىرىگە يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان ئۇلۇغ دېڭىزچى جېڭ خېنىڭ يۇرتىدۇر.
مۇخبىر خۇ چاۋ فوتوسى