تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرچىن ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ساياھەت ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى


    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جوڭ چۈنچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لو ياڭشۆ فوتوسى، خەۋىرى): بۇ يىل، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسىپ بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى يېزا ساياھەت بايلىقىغا قارىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بيېىتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇپ، «دېھقانچىلىق رايونىنى مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇش، دېھقانلارنى پايچىكلارغا ئايلاندۇرۇش، مەھسۇلاتنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش، بىر پەسىلنى تۆت پەسىلگە ئايلاندۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنى پۇقراۋى تۇرالغۇغا ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات تەپەككۇرىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنى ساياھەت ئارقىلىق بېيىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

    يېقىندا، بۇرچىن ناھىيەسى چوڭقۇر بازىرى قارابۇلاق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ما شياۋلۇڭ ئاچقان بىر تاللا بازىرى قىزىپ كەتتى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، تاللا بازىرىدا سېتىلىدىغان ھەسەل، سۈت قاتارلىق ئالاھىدە يېمەكلىكلەر ساياھەتچىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

    «بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىمىز، قاناسنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قايتىش يولىمىزدا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئائىلىمىزدىكىلەرگە، دوستلىرىمىزغا سوۋغا قىلىمىز. بۇ يەردە گۈزەل مەنزىرىمۇ، ئېسىل يېمەكلىكلەرمۇ بار ئىكەن، بەك ياخشى بولدى.» دېدى گۇيجوۋلۇق ساياھەتچى باۋ گۇاڭبو تاللا بازىرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تاللىغاچ.    

   قارابۇلاق كەنتى بۇرچىن قاناس ساياھەت لىنىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ساياھەت بايلىقى مول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ساياھەت ئۆتەڭلىرىنى ئېچىپ ۋە قۇرۇپ، قولاي، ئازادە، كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت مۇلازىمەت مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى.

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارابۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن بىرلىشىپ «پارتىيە ياچېيكىسى + يېزا ئىگىلىكىدە تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىش + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ساياھەت كەسپىنى چۆرىدەپ ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ، بۇرچىن ناھىيەسى قاناس خېيچۈەن ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇپ چىقتى، كەنت كوللېكتىپى يېتەكچىلىك قىلىش، ساياھەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ ئائىلىلەر پاي قوشۇپ باشلامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېھقانلار ۋە كەنت كادىرلىرىنى يېتەكلەپ، قارابۇلاق كەنتىنىڭ ساياھەت بازىرىنى ئاچتى.

  «ھازىر، بۇ يەردە خاس يېمەك-ئىچمەك، ئۆزگىچە پۇقراۋى تۇرالغۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈش باغچىسى قاتارلىقلار بار، بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا يەرلىك مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق.» دېدى خېيچۈەن ئارامگاھىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ يوڭبىڭ.

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر بۇ شىركەتنىڭ تۈرتكىسىدە، قارابۇلاق كەنتى ساياھەت بازىرىغا 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 13 دېھقانلار ئارامگاھى جانلاندۇرۇلۇپ، «ساياھەت ئۆتىڭى» بەرپا قىلنغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ساياھەت تىجارەت ساپ كىرىمى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى يېزا ساياھەت بايلىقىنى پائال مەۋقە قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويدى، ساياھەت تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «دېھقان-چارۋىچىلار ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىش، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ياردەم بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شەھەر-بازار ئەتراپى ۋە ساياھەت لىنىيەسى بويىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پۇقراۋى تۇرالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشىنى، ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق ساياھەت تىجارىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى