7-ئاينىڭ 14-كۈنى، خېبېي ساڭشيەن ناھىيەسى لۈرەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى چىلانچى دېھقان پارنىكتا قىشلىق چىلان ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى ساڭشيەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقانلارنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن پايدىلىنىپ پەسىلسىز چىلان تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. نۆۋەتتە، ساڭشيەن ناھىيەسى تەرەققىي قىلدۇرغان پارنىك قىشلىق چىلىنى 600 مودىن ئاشىدۇ. (مو يۈ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 14-كۈنى، خېبېي ساڭشيەن ناھىيەسى لۈرەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى چىلانچى دېھقان پارنىكتا قىشلىق چىلان ئۈزمەكتە.