7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى قىچا گۈلى دېڭىزىدا ئوينىماقتا. 7-ئاي كىرگەندە، بۇ ناھىيەدە تېرىلغان مىليون موغا يېقىن يەردىكى قىچا گۈلى بەس-بەستە ئېچىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
لى ۋېنۋۇ فوتوسى
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسىدىكى خېشياڭ بيېيۈەن مەنزىرە رايونىدا نېلۇپەر گۈللىرىنى تاماشا قىلماقتا. بۇ ناھىيەدە ئۆستۈرۈلگەن 380 مو يەردىكى نېلۇپەر گۈلى بەس-بەستە ئېچىلىپ، نېلۇپەرنىڭ خۇش پۇرىقى ھەر تەرەپكە تارىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
خې ياڭ فوتوسى