7-ئاي، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى مىليون مو يەردىكى قىچا گۈلى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى، ئالتۇن رەڭلىك گۈل ئېتىزى خۇددى دېڭىزدەك كەڭ موڭغۇلكۈرە يايلىقىنى تىيانشان تېغىغىچە قاپلاپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى گۈل دېڭىزىنى سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى.
موڭغۇلكۈرەدىكى قىچا گۈللىرى مەملىكەت بويىچە ئەڭ كېيىن ئېچىلىدۇ، گۈل پەسلى ئەڭ ئۇزۇن، ھەر يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، گۈل پەسلى 40 كۈن داۋاملىشىدۇ.