تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەپ، شىنجاڭدىكى بۇ جايلاردا يامغۇر ياغىدۇ

     مۇخبىرلىرىمىز يۈ مىڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى: يېڭى ھەپتىدە يېڭىچە كەيپىيات، خەيرلىك سەھەر قەدىرلىك دوستۇم. تومۇز كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولدى، بۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەپ، قىسمەن رايونلار يامغۇرنى كۈتۈۋالىدۇ.

  بۈگۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃23 بولۇپ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

  ئاخىرىدا تاشيول ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا نەزەر سالايلى. بۈگۈن ℃35 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكى، تۇرپاندىن يەندۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3016 لىنىيەسى، G217 لىنىيەسى، ۋە G3014 لىنىيەسىنىڭ كۈيتۈندىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇردىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ قەشقەردىن قاغىلىققىچە بولغان بۆلىكى، G312 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ قىسمەن لىنىيەلىرىدە تېمپېراتۇرا ℃40 تىن يۇقىرى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى