ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيەلىك مەركىزىدىكى بەلگە مۇنارىغا بوشلۇقتىن نەزەر (7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياز پەسلى كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى «يېڭى ئون مەنزىرە»نىڭ بىرى بولغان ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيەلىك مەركىزىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيەلىك مەركىزى (شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87 گىرادۇس 19 مىنۇت 52 سېكۇنت، شىمالىي كەڭلىك 43 گىرادۇس 40 مىنۇت 37 سېكۇنت) شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى يۇڭشىن كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ، جۇڭگو جۇغراپىيە ئىلمى خىزمەتچىلىرى 1992-يىلى 7-ئايدا ئىلمىي ھېسابلاش ئارقىلىق بېكىتكەن جۇغراپىيەلىك ئورۇن. ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيەلىك مەركىزىدىكى بەلگە مۇنارى بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ يادروسى بولۇپ، تۆت چاسا تۈۋرۈكتىن تەركىب تاپقان، تۆت تەرىپى «A» ھەرپى شەكلىدە، بۇ، «ئاسىيا» دېگەن سۆزنىڭ ئېنگلىزچە تاق سۆزى بولغان «Asia»نىڭ باش ھەرپىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ يۈرىكى، دېگەن مەنىگە ئىگە. (جاۋ گې فوتوسى)
ساياھەتچىلەر ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيەلىك مەركىزىدىكى بەلگە مۇنارىدا ئېكسكۇرسىيە-سەيلە قىلماقتا (7-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).