تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

بورتالا ئوبلاستىدىكى 140 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى بۇغدايلار يىغىلىشقا باشلىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لېي شەن): 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى بارۇن ئۆڭكۈر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ مىڭنىڭ 280 مو بۇغدايلىقىنى شامال سىيپاپ ئۆتتى، پىشقان بۇغدايلار كۈتكەن مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. نۆۋەتتە، بۇغدايلار پىشىش مەزگىلىگە كىرىپ بولدى، بورتالا ئوبلاستى (بىڭتۇەن 5-شىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى 140 مىڭ موغا يېقىن بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن يىغىلىشقا باشلاپ، يازلىق يىغىم خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى.

ياڭ مىڭ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل گەرچە ھۆل-يېغىن كۆپ، تېمپېراتۇرا نىسبەتەن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇغداي مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى. بازار چوڭ مۇھىتىنىڭ تەسىرى بىلەن، بۇ يىل ئادەتتىكى بۇغداينىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن سەل تۆۋەنلەپ، ھەر كىلوگىرام بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 2.38 يۈەن بولدى».

بورتالا ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى (ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى) ئاشلىق باشقۇرۇش ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يەن شياۋۋۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوبلاست بويىچە يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىش باشلانغاندىن بۇيان، 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، جەمئىي سېتىۋېلىنغان بۇغداي 4666 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي (كۈيتۈن كۈزگى بۇغدىيى 5-نومۇر) %65 ئەتراپىنى ئىگىلىگەن. سېتىۋېلىش باھاسى جەھەتتە، ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي (كۈيتۈن كۈزگى بۇغدىيى 5-نومۇر)نىڭ ھەر كىلوگىرامى 2.43 يۈەندىن 2.51 يۈەنگىچە؛ ئادەتتىكى كۈزگى بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 2.32 يۈەندىن 2.38 يۈەنگىچە بولغان. نۆۋەتتە، ئەلا سۈپەتلىك ئۇن پىششىقلايدىغان ئاساسلىق سورت بولغان كۈيتۈن كۈزگى بۇغدىيى 5-نومۇر ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىۋېتىپتۇ.

بۇ يىل بورتالا ئوبلاستى ئالدىن پىلانلاپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئوبلاستتا جەمئىي 64 مىڭ 500 توننىلىق ئامبار بوشىتىلدى ھەمدە ئۈنۈملۈك قۇرۇقدالدى؛ ئەمەلىيلەشكەن يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مەزگىلىدە، ئوبلاست، ناھىيە-شەھەرلەردە خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدا تۇرۇشى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش بالدۇر تاماملىنىپ، جىددىي سېتىۋېلىش ھاۋالە ئامبىرى نۇقتىسىىدىن توققۇزى پائال ئىلتىماس قىلىندى؛ «ئاشلىق يىغىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش، ئاشلىق باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى