تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خېبېي: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش قان بېرىش، قان ئىشلەش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

«مەن بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىمەن، شىركەت تامىقىمغا، ياتىقىمغا ئىگە بولىدۇ، ھەر ئايدا 3200 يۈەن مائاش ئالىمەن.» 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىگە ماكانلاشقان، خېبېينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى بىلەن كىرگۈزۈلگەن كارخانا − بايىنغولىن ئوبلاستى خاۋيۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىچىدە، خەلچەم قۇربان يىپ ئېگىرىش سېخىدا ماھىرلىق بىلەن ئۈسكۈنە مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى، ھازىرقى تۇرمۇشى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇنىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلەندى.

خەلچەمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى دەل خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى. خۇددى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خاۋيۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جىيۈن ئېيتقاندەك: «شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى سۈپىتىدە، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى نامرات ئاممىغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىشىمىز، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك».

بايىنغولىن ئوبلاستىدا، خەلچەمگە ئوخشاش نۇرغۇن دېھقان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ «قان بېرىش» «قان ئىشلەش»تەك نىشانلىق ياردىمى ئارقىلىق، بەزىلىرى كارخانا ئىشچىلىرىغا ئايلاندى، بەزىلىرى تەرەققىي قىلىپ باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە ئايلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، خېبېي ئۆلكىسى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرىنى يېزا، كەنت دەرىجىسىگىچە مايىللاشتۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىگە مايىللاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %95.57ىنى ئوبلاست دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارغا ئىشلەتتى.

خوشۇت ناھىيەسى سۇخاتۇ يېزىسىنىڭ سۇخاتۇ كەنتىدىكى 77 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ليۇ باڭچۈەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئۇنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىغا كۆپ يىل بولغان بولۇپ، ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا بارماقچى بولسا ئۆيىدىكىلەر ئۇنى يۆلەپ ئۆيىدىن 30 مېتىر يىراقلىقتىكى سۇسىز ھاجەتخانىغا ئاپىراتتى، بۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان ئىشى بولۇپ قالغانىدى. 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، جاڭجياكو شەھىرىنىڭ ۋەنچۈەن رايونى خوشۇت ناھىيەسىگە ECO مۇھىت ئاسرايدىغان تەرەت ئۈسكۈنىسىدىن 100نى ئىئانە قىلغاندا، ليۇ باڭچۈەنگىمۇ بىرى تەگدى، بۇنىڭ بىلەن كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇنى قىيناپ كەلگەن باش ئاغرىقى ھەل بولدى. «بۇ ھاجەتخانا بولسا، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولىدىكەن.» ليۇ باڭچۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرنىڭ قولىنى تۇتۇپ توختىماي رەھمەت ئېيتتى.

داۋالاش بايلىقى تارقىلىشىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى. خېبېي ئۆلكىسى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ قاتتىق ماتېرىيالىغا ياردەم بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئەندىزىسى ۋە ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا جەھەتتىكى بۆسۈش ئېغىزى ئۈستىدە ئىزدەندى.

6- ئاينىڭ 18- كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ياردەم بېرىپ قۇرغان تۇنجى سىنلىق ئالاقە تورىدا يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش ئۇچۇر سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇ جايدىكى ئامما بۇ سۇپا ئارقىلىق چوڭ دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشىغا ئېرىشەلەيدىغان بولدى. چەت، ياقىغا جايلاشقان چەرچەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى «ئالاقە تورى + داۋالاش»تىن نەپ ئالغان بولۇپ، يۆتكەپ داۋالاش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %59، %50 تۆۋەنلىدى. بۇ ئۇسۇل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مىسالى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

«بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، بىز خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.» دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، قوماندان فەن چېڭخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى