تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن سانجى ئوبلاستىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكى ۋە سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي تۈردە قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى تۇتۇش كېرەك. سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى بىلەن پىلانلىق سۇ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سۇ بايلىقىدىكى ئېلىش، ئىشلىتىش، سەرپ قىلىش، چىقىرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە سۇ ئىشلىتىش شەكلىنىڭ يىرىك بولۇشتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ سۇ تېجەش تىپىدىكى كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، سۇ تېجەش تىپىدىكى ئىقتىساد يېتىلدۈرۈش، سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك. بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا قاراپ ئېھتىياجنى بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك ھەرقايسى ئامىللارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئۇنىۋېرسال تەدبىر ئارقىلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، مەمۇرىي مېخانىزمنىڭ بازار مېخانىزمى بىلەن ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ۋاسىتىنى ئاساس قىلغان سۇ تېجەش مېخانىزمى بىلەن ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سۇچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى