تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 9 مىليارد يۈەن قەرز پۇل ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشىنى «قوغدىدى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاڭ شېڭ) يېقىندا، سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرى نەنتۇگۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى زويۈ سانجى دۆلەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىڭ مەركىزىي ئامبىرىغا تۆت توننا بۇغداي ساتتى، ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە، پۇل ئۇنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇلدى.

«ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار <ئاشلىقنى قولدىن چىقارسىلا، قولىغا پۇل تېگىدۇ>، <ئاق ھۆججەت بېرىدىغان> ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.» سانجى دۆلەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرى ئامباردا ساقلاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ شۇگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغى ئۈچۈن ئاجراتقان قەرز پۇل ئىناۋەت مەبلىغى تەخمىنەن 9 مىليارد يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاجراتقان قەرز پۇل ئىناۋەت مەبلىغى %89نى ئىگىلىگەن.

يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش، سېتىش (گۇرۇھ)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ جەمئىي 1 مىليارد 450 مىليون يۈەنلىك ئىناۋەت مەبلىغىگە ئېرىشتى، بۇ سانجى دۆلەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرى مەركىزىي ئامبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 سېتىۋېلىش پونكىت نۇقتىسىنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىشتىكى مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ۋاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى تەييارلىغان يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغى ئەمەلىي ئېھتىياجدىن %30 ئارتۇق ھەم يېشىل يول سىياسىتى ئارقىلىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جەمئىي 119 قەرز ئېلىش سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋەت مەبلىغىنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئامباردىن 16سى، يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىسىدىن 98ى، كەسىپلەشكەن باشلامچى پىششىقلاش كارخانىسىدىن بەشى بار.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاشلىق سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2018 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى مالىيە تارماقلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى ھەم كۆلەمدىن يۇقىرى پىششىقلاش كارخانىلىرى ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىناۋەت كاپالەت فوندى قۇرغان. كاپالەت پۇلى تىرەك بولغاچقا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خاتىرجەم قەرز پۇل بېرەلەيدىغان بولغان، ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇلى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى قوغدالغان.

بۇنىڭدىن سىرت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى مالىيە تارماقلىرى يەنە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قەرز پۇل تارقىتىشتا ئىجرا قىلغان خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان بىر يىللىق تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى %4.35 بولۇپ، ئاپتونوم رايون مالىيەسى مۇشۇ ئاساستا ياردەم ئۆسۈم سىياسىتىنى يولغا قويغان، كارخانىلار يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئالسا بىر يىللىق قەرز پۇل تۈپ ئۆسۈمى ئۈچۈن %50 ياردەم ئۆسۈمدىن بەھرىلىنەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى