تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2019- يىللىق 7- قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ھەم ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئەينەن، ئۆز پېتى، توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشتا ۋە كونكرېت خىزمەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي، چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە مەركەزلىك تەتقىق قىلىش، مۇھاكىمە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەسلىي تېكىستنى ئەينەن ئوقۇپ، قائىدىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش تېما تەربىيەسى قوزغاتقان ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش، تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۈزىتىش»نى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەش كېرەك. ھەم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم رەھبەرلىك بەنزىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەم باش تېما تەربىيەسىنىڭ ياخشى تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇشقا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھەم باش تېما تەربىيەسىگە ياخشى قاتناشقۇچىلاردىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، باشلامچىلىق بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن پايدىلىنىشى، باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىشى، ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئۆز - ئۆزىنى تۇتۇشتا باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى