تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بارلىق تېخنىكىسىنى ئايىماي ئۆگىتىپ، «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان قوشۇن» قالدۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 1- ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شۆيۈەنىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى لى چيەنخۇي ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە (6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى)

كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى 12 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىق خادىمنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتتى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، يېڭى ئىدىيە تارقىتىپ، يېڭى تېخنىكىنى ئۆگىتىپ، چىن كۆڭلى بىلەن «ئۆگەتتى، ياردەم بەردى، يېتەكلىدى»... ئۇلار شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا تالانتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ، يەرلىككە بەخت يارىتىپ، نۇرغۇن «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان قوشۇن»لارنى قالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش

7- ئاينىڭ 12- كۈنى يازلىق تەتىل مەزگىلى بولسىمۇ، خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىر، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ليۇ جىخۇەي يەنىلا شۆيۈەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ليۇ جىخۇەي قومۇلدا يىلتىز تارتتى. ئۇ قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى قۇرۇش، «رەقەملەشكەن مەكتەپ ھويلىسى ئۆزگىچە تۈرى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرگە پائال قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ تۈرلۈك ئامال - چارىلەر بىلەن شۆيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، دەرس ئۆتۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق، ئىلغار تېخنىكا، ئىدىيەنى يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ ئايرىم - ئايرىم ئون كەسپىي ئوقۇتۇش كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىدى؛ ئەۋەتكەن ئورۇن خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئۈچۈن كەمچىل كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار ۋە قۇرۇلۇش ماگىستىرلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەپ بېرىشىنى ماسلاشتۇردى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر (ئورۇن)لەر پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، شىنجاڭنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدى، يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش زىددىيىتىنى پەسەيتتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، كۆپ تەرەپنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار بىلەن ياردەم بېرىش - يۆلەش قوشماقلىرىدىن بولۇشقا تەشكىللىدى، «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك كادىرلار، ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، جېجياڭ ئۆلكىسى «ئىختىساسلىقلار ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، 40 ياردەم بېرىش، يېتەكلەش خىزمىتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، جېجياڭ - ئاقسۇ ئىككى جاينىڭ يىراقتىن ئوقۇتۇش ھەمتۈرتكىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى، دوختۇرلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، بىر تۈركۈم پەن باشلامچىلىرى بارلىققا كەلدى. خېيلۇڭجياڭ ۋە جىلىن ئۆلكىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 335 پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرى ۋە 252 كەسپىي تايانچنى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا تاللاپ ئەۋەتتى.

ھەر يىلى مائارىپ، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى ئۈچ ساھەنىڭ ھەربىرىدىن 100دىن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر يىلى سانجى ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ھەربىرىدىن 100دىن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىلىمىنى ئاشۇردى، فۇجيەن ئۆلكىسى داۋاملىق قانات يايدۇرۇۋاتقان«ئۈچ قوش 100» ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى شۇ جايغا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر كەسپىي تېخنىكا قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار تەمىنلىگەن بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 2 مىليارد 340 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تۈرىدىن 2300دىن كۆپرەكنى يولغا قويغان، شىنجاڭدىكى ھەر خىل كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن 847 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك تەربىيەلەپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر يىلى 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىشقا يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىگەن.

«ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ نەتىجىسى مول بولدى

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ماڭا 2- قېتىم ھاياتلىق بەردى، ئۇلار مېنىڭ تۇغقانلىرىم» دېدى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاتۇشلۇق ياش قەلبىنۇر قۇربان تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق بىلەن جياڭسۇدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ئۆزىنى داۋالاپ قۇتقۇزغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ.

2018- يىلى، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن قەلبىنۇرنىڭ قىزىتمىسى ئۇدا 40 گىرادۇستىن چۈشمەي، ئايلىنىپ كېتىپ ھوشىغا كەلمەي، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇنىڭ يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەپەسلىنىشى ئاجىزلاش، يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىچكى ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلەشكەنلىكى مەلۇم بولدى. خەتەرلىك پەيتتە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرخانىلار ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى بىر قىسىم دوختۇرلارنى جىددىي يىغىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، داۋالاش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى... دوختۇر، سېسترالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى! بۈگۈنكى كۈندە، قەلبىنۇرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.

«قەلبىنۇر جياڭسۇ ئۆلكىسى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يولغا قويغان <قەلب ئىللىتىش پىلانى>نىڭ 121- مەنپەئەتلەنگۈچىسى» دېدى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى، جياڭسۇ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى دىڭ چياڭ.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈزبېرىشى يۇقىرى بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالاقىدار بولغان ئۈچ بۆلۈمنى كۈچەيتىپ، «قەلب ئىللىتىش پىلانى» قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىرغىچە 177 ئاغرىقنىڭ يۈرەك كېسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپ ساقايتتى. بۇ مەزگىلدە، يەنە بىر تۈركۈم يەرلىك كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى.

ئون مىڭ چاقىرىملىق يىراقلىقتىن ئۆمەك تەشكىللەپ كېلىپ، يۇقىرى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە مېھرىبانلىقى بىلەن شۇ جايغا بەخت ياراتتى. 2016- يىلى 4- ئايدا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى، تيەنجىن، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، لياۋنىڭ، خۇنەن قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يەتتە ئۆلكە، شەھەر 3A دەرىجىلىك 60 نەچچە دوختۇرخانىدىن جەمئىي 500دىن ئارتۇق داۋالاش مۇتەخەسسىسىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، تۇرپان شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1- شىسىدىكى سەككىز مەركىزىي دوختۇرخانىغا ياردەم بەردى.

خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزدى، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ خالىس كېسەل كۆردى، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى... ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، بارلىق تېخنىكىسىنى ئايىماي ئۆگىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان سەككىز دوختۇرخانىنىڭ 1470تىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى قانات يايدۇرۇشىغا، 375 مىڭ 700 ئاغرىققا دىياگنوز قويۇشىغا، 41 مىڭ 300 ئوپېراتسىيەنى قىلىشىغا ياردەم بەردى، ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى تېببىي خادىملارنى 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلىدى.

داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىدىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ياردىمىدە، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان سەككىز دوختۇرخانىنىڭ خەتەرلىك، جىددىي، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئوتتۇرىچە نىسبىتى %94.3كە يەتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ئىشقا ئاشتى، يەنە «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش قوشۇنى» يېتىشتۈرۈلۈپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

«كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ئۇلارنىڭ سادىقلىقىنى ئىپادىلىدى، شۇنداقلا تېپىلغۇسىز چېنىقىش بولدى» دېدى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى شاۋ شياڭلى.

2017- يىلى 8- ئايدا، 9- تۈركۈمدىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاۋ شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش جەريانىدا، ئۇ ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىگە رىشتە باغلىدى، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېچىڭىز كەنتىگە بېرىپ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى بولغان يېقىنقى ئىككى يىلدا، شاۋ شياڭلى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق تۈزۈملەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى؛ كەمتەر بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇرۇق - تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى مېيجياڭ ئوقۇش ياردەم فوندى جەمئىيىتىدە «كېچىڭىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش فوندى» تەسىس قىلىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى...

كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تىرىشىش ئارقىلىق، كىچىك كەنتتە زور ئۆزگىرىش بولدى. كەنت بارغانسېرى گۈزەللەشتى، كىشىلەر بارغانسېرى ئىتتىپاقلاشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، بۇ ئۆزگىرىشلەر شاۋ شياڭلىنىڭ ئەينى چاغدىكى كەنتتە تۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئالدىنقى سېپىدە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش بىرىنچى سېپىدە، ھەممىسىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنى يۇرتۇم دەپ بىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، دادىللىق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ھەقىقىي ھېسسىياتىنى شۇ جايغا سىڭدۈردى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كۆپ قېتىم كەلدى، بەزىلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى شىنجاڭدا قېلىشقا ئۆزگەرتتى، ئۇلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە تاللاپ ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، تىيانشان پەرزەنتلىرى بۇنى قەلبىدە مەڭگۈ ساقلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى