تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ياز پەسىللىك جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ياز پەسىللىك جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايون كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ياز پەسىللىك جېڭىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك جېڭىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى خۇلاسىلىنىپ ئالماشتۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە ياخشى باشلىنىش قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر ياز پەسلى، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەنت - مەھەللىلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كۈچەپ كەنت - مەھەللىلەرنىڭ «پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، كەڭ دېھقانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، باش رول ئالدۇرۇش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇپ، تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇستەھكەملەپ، تەدرىجىي ھالدا دېھقانلار ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەيدىغان، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرىدىغان، ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ياز پەسىللىك جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى