تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش  مېھىر - مۇھەببەتتە تىيانشاننى ئىللىتىش

− يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىش ①

مۇھەررىر ئىلاۋىسى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن شىنجاڭغا ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق ياردەم بېرىش باسقۇچىغا كىردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، نىشان تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، ئورۇن بەلگىلەش تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ، مۇھىم نۇقتا تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، تەدبىرلەر تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇپ، خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى سىجىل ئۆسۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە مەخسۇس تېمىدا خەۋەر بېرىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ھەم تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىنىدۇ، دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

بېيجىڭ: بىر تەرەپتىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر تەرەپتىن دوستلۇق ناخشىسىنى ياڭرىتىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۈزۈپ قويماسلىق

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي جىيۈ

«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»قا جايلاشقان ئېغىر نامرات ۋىلايەت خوتەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ھەم بىڭتۇەن 14- شىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ كەلدى. 2017- يىلى باشلانغان 9- تۈركۈمدە بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 1000دىن ئارتۇق كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە كادىرلار ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن بىر ئېغىز - بىر ئېغىزدىن تاپىلاشلارنى قالدۇردى.

يېزا ئىگىلىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈك كەسپى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار بېيجىڭدا قۇرغان «100 دۇكاندىكى مەخسۇس پوكەي» ۋە «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى سۇپىدا 2018- يىلىلا خوتەن ۋىلايىتىگە ياردەملىشىپ، قىممىتى 740 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن 20 مىڭ توننا سېتىشىپ بەرگەن.

ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا، بەش سانائەت باغچە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسقا ئايلانغان. ھازىرغا قەدەر، ھەرقايسى باغچە رايونلىرىغا جەمئىي 32 كارخانا ماكانلىشىپ، شۇ جايدىكى 5000دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بارلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مائارىپقا ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 131نى يولغا قويغان، چېتىشلىق مەبلەغ 2 مىليارد 431 مىليون يۈەن بولغان. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن 171 دوختۇر جەمئىي 40 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قېتىم كېسەل كۆرگەن، 10 مىڭ قېتىمغا يېقىن ئوپېراتسىيەنى تاماملىغان، كۆپلىگەن كېسەلنى قايتىدىن ساغلاملىققا ۋە ئۈمىدكە ئېرىشتۈرگەن.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىن مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كۈچلەر داۋاملىق ئۈزلۈكسىز ھالدا خوتەنگە يىراق جايلارنىڭ ساداسىنى ئېلىپ كەلدى، كەلگۈسى ئۈمىدنى يەتكۈزدى. سىرتقى دۇنياغا تەلپۈنۈش، ئۆز - ئۆزىنى موللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىش، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇشنى ھېس قىلىش... ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ماددىي تۇرمۇشنى ياخشىلاش پەقەت ئاساس، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ كۈندىن - كۈنگە تولۇقلىنىشى ئوخشاشلا خوتەن ئاممىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەلپۈنۈش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئىنتىلىش پەيدا قىلىشقا باشلىدى.

ھەربىر تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھامان باسقۇچ خاراكتېرلىك ئاخىرلىشىدىغان بىر كۈن بولىدۇ. قانداق قىلىپ خىزمەتنى قائىدە - تەرتىپلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان» بىر قوشۇننى قالدۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە.

«غول ئۆستەڭ ياساش، تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزۇش، تۈزۈم تۈزۈش، نورمال شەكىل ئورنىتىش... <يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن> بۇ خىزمەتلەر گەرچە كۆزگە چېلىقمىسىمۇ، لېكىن كېيىنكى داۋاملاشما خىزمەتلەردە قىيىنچىلىقنى ئازايتىدۇ، قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.» بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دائىملىق تۇتۇش، ئۇزاق ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىر يولى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالمىشىش ۋە سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ناچار تەبىئىي شارائىت بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، خوتەنلىكلەردە تۇغۇلۇش بىلەنلا ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى يېتىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل پوزىتسىيە يەنە بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختساسلىقلارنىڭ قېنىغا سىڭدى، بۇ زېمىندا، بىر تەرەپتىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر تەرەپتىن دوستلۇق ناخشىسى ياڭراپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ساداسى ئۈزلۈكسىز ياڭرىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى