تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەنشى: يۇقىرى ئورۇندىن تۈرتكە بولۇش  ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن

7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە، جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگراسىغا قوشنا بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6- شىسىنىڭ بېيتاشەن چارۋىچىلىق مەيدانى كىچىك بازىرىدا، فۇكاڭ شەھىرى گەنخېزا بازىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش كىچىك رايونىدا... مۇخبىر بارغانلىكى يەرنىڭ ھەممىسىدە بەخت ئىلكىدە كۈلۈمسىرىگەن چىرايلارنى كۆردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سەنشى ئۆلكىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى فۇكاڭ شەھىرى، بىڭتۇەن 6- شىسى، 12- شىسىنىڭ 222- تۇەنىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپ، مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلار، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاساس»تىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان، «نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جاي، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاي»دىن ئىبارەت ئىككى جاي بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئالدىنقى سەپ - ئارقا سەپ زىچ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان «شىنجاڭغا كەڭ كۆلەمدە نىشانلىق ياردەم بېرىش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، شۇ يىلقى تۈرلەردىكى ئىش باشلىنىش نىسبىتى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى، ۋەزىپىنىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتىدە ئۈچ %100نى ياراتتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن بولغان.

2018- يىلى 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال يۇقىرىغا يوللىغان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات» ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى لوۋ ياڭشېڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مەخسۇس شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ بېشىدا، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقىتلىق پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان دىڭ يۇڭپىڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ بىڭتۇەن 6- شىسى ھاۋالىلىك باشقۇرۇۋاتقان 50- تۇەننىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى. بۇمۇ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا يۇقىرى سۈپەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن، نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلغان تۇنجى خەلق تۇرمۇشى تۈرى.

سەنشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور تۈرلەرنى ياخشى تۇتۇش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلار توپىغا مايىللاشتۇرۇشتا، يېزا - كەنتلەرگە مايىللاشتۇرۇشتا، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق ساھەلەرگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتىن تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكىچە، سەنشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە سىجىل كۈچىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىندى.

تۈر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، سەھىيە ئۆمىكى تەشكىللەش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، مائارىپ ئۆمىكى تەشكىللەش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە بوشاشماي چىڭ تۇتۇلۇپ، دىققەت باشتىن - ئاخىر ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈلدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى 132 نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇش تۈرىنى پىلانلىدى، تۈرلۈك تونۇشتۇرۇش - كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىدىن 35 مەيدان ئۆتكۈزدى، جەمئىي 278 كارخانا بىلەن كېلىشتى، 18 تۈر بويىچە مەبلەغ سېلىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، جەمئىي 21 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى.

يىراق چېگرا لىنىيەسىدىكى جيا جۇڭماۋ، بىپايان چۆللۈكتىكى چىن جيەنخۇا، جوۋ يامىن ئەر - خوتۇندىن نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ كۈچلۈك تەلىپى بويىچە مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بۇ يىل 10- ئايدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىش ئورنىدىن پېنسىيەگە چىقىدىغان ۋاڭ لۇڭجياڭ قاتارلىق سەنشى ئۆلكىسىدىن 3- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن 121 كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغىچە، چىن مۇھەببىتى ۋە ئەمەلىي ئىشلەشنى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كوردىناتى»غا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سەنشى كۈچىنى قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى