نۇرغۇن چېكەتكە تۇتۇۋالغان ھال رەڭ قارىغوجا (6-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياز كىرگەندىن بۇيان، نەچچە ئون مىڭلىغان ھال رەڭ قارىغوجا شىنجاڭ قومۇلنىڭ شەرقىي تىيانشان يايلىقىغا كۆچۈپ بېرىپ چېكەتكە تۇتۇپ ئوزۇقلۇق قىلىپ، ماكانلىشىپ كۆپەيدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھال رەڭ قارىغوجا شىنجاڭنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ساقلاش ۋە تۈزەشتىكى ئاساسلىق قوشۇن بولۇپ، چېكەتكىنىڭ ئوتلاقنى چىرىتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدايدىكەن ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرىدىكەن. بۇ «چېكەتكە يوقىتىش تۆھپىكارلىرى» نى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يايلاقتا تۈرلۈك قۇش چاڭگىلىرىنى ياساپ، قوغداش بازىلىرىنى قۇرۇپ، شىنجاڭغا ئۇچۇپ كېلىپ كۆپىيىۋاتقان ھال رەڭ قارىغوجا قۇشلىرىنى تىنچ، ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭ قومۇل شەرقىي تىيانشان يايلىقىدىكى قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار قۇرۇلۇش ئورنىدا «قۇشلارنى قوغداش» توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش تاختىسىنى ئورناتماقتا (6-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنجاڭ قومۇل شەرقىي تىيانشان يايلىقىدىكى ھال رەڭ قارىغوجىلار ئۇۋىلىرىدىن ئۇچۇپ چىقماقتا (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
مۇخبىر لى خۇا فوتوسى