تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«مەسئۇلىيەت تۈزۈمى»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىقنىڭ ھەممىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرمىغاندا، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەندە، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمىگەندە پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

«مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، جەزمەن ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ <ھالقىلىق تۇتقا>نى مەھكەم تۇتۇش كېرەك.» مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى كىم تۇتۇش، ئۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولۇش، كىم بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك مۇھىم، زور مەسىلىگە جاۋاب بەردى ۋە بۇ مەسىلىنى تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈش، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈش، ۋەزىپىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ھوقۇق مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر، مەسئۇلىيەت بولغان ئىكەن زىممىگە ئېلىش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تەرەپ شۇكى، «ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك»لىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەم پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ياكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىغا قارىتا ئىنتىزام جازاسى بېرىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش بەلگىلەندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «مەسئۇلىيەت تۈزۈمى»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇش ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىدىكى قاتتىق بەلگىلىمە، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

«مەسئۇلىيەت تۈزۈمى»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇشتا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتكوم تۇتىدىغان، شۇجى تۇتىدىغان، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۇتىدىغان، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تارماق پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتكوملىرى) پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) بەنزىسى باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ئورگان ئارقىلىق سىستېمىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىقنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتماسلىقنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق دەيدىغان ئىدىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئورگان پارتكومى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

«مەسئۇلىيەت تۈزۈمى»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇشتا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن مەسىلىگە قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىش كېرەك. مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. مەركەزدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت كومىتېتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىدار، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەرقايسى تارماق پارتگۇرۇپپىلار (پارتكوملار)نىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك - ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

«مەسئۇلىيەت تۈزۈمى»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇشتا، پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئورگان پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچ ئادەمدە. يېڭى دەۋردىكى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىر يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرى قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىياسىيدا كۈچلۈك، كەسىپتە قابىل، ئىستىلى ياخشى كادىرلارنى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرى بىلەن كەسپىي كادىرلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتىنى ھەم كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ھەم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ساپا، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى سىياسىيدا زېرەك ئادەمگە، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى كەسىپ ئەھلىگە، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سىردىشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر». بۇرچنى قەلبكە پۈكۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك، بۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان روھىي خىسلەت، شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىزنىڭ ئەڭ جەڭ قىلالىشىدىكى كۈچ مەنبەسى. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلالايدۇ، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى