تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش

− شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، شىزاڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ بىڭ، چېن شاڭسەي

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئومۇميۈزلۈك باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، شىزاڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش

6- ئاينىڭ 3- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش تېما تەربىيەسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باشلامچى بولدى، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن يەتتە كۈنلۈك يېپىق شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قائىدىنى چۈشىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان 94 ئورۇن 6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن ئىلگىرى تولۇق باشلىدى، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ھەممىسى يەتتە كۈندىن ئاز بولمىغان كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 4800دىن ئارتۇق رەھبىرىي كادىر پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسى، بىڭتۇەندىكى 54 تارماق، ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ھەرقايسى شى - شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىلىرى مەركەزلىك بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىگە قارىتا ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈلۈشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

6- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما ئېلىپ باردى. رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىزاڭ بەش جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە مەخسۇس تېمىسىنى لايىھەلىدى، يەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىپ شىزاڭنى مۇقىم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىزاڭنى مۇقىم قىلىش، شىزاڭنى قۇرۇش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، دىننىڭ پاسسىپ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش؛ خەلقنى كۆزلەش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش؛ شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، كۈچەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش

ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، شىزاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار مەسىلىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ھازىر ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، 12 جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى تىزىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى «نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ قىزىق لىنىيە سۇپىسى»، نامراتلارنى يۆلەش نازارەتچىلىك پاش قىلىش تېلېفونى ئاچتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلار بىلەن ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار ئۆگىنىپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، پىكىرلەرنى ئاڭلاپ ئوچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە مەسىلىدىن 1404نى تەكشۈرۈپ تاپتى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، تۇەن - چاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداشما ئىسلاھاتى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى قاتارلىق 11 جەھەتتىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، يېرىم - يارتا قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش قاتارلىق 11 جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزىتىلىدىغان مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى بىڭتۇەن مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، مائارىپ مۇلازىمىتى تەرەققىياتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپىنى يۇغۇرۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى باش تېما تەربىيەسىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى ئاجىز بولۇش، پەقەت يۇقىرىنى كۆرۈپ تۆۋەنگە قارىماسلىق، ئاممىغا قوپال مۇئامىلە قىلىش، تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىن يەنىلا گەۋدىلىك بولۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش يەنىلا زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق 25 جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، بىرىنچى تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 74 تارماق ۋە 17 دۆلەت كارخانىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرى 512 مەسىلە بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆزەتتى، پىكىر ئېلىپ 230 مەسىلىنى تېپىپ چىقتى، كۆزىتىشكە سېلىشتۇرۇپ 318 مەسىلىنى تېپىپ چىقتى.

تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا بايقالغان مەسىلىلەر ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تىزىملىك تۈزۈلۈپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ئاساسىي قاتلام پونكىتلىرى، ئورۇنلىرىنىڭ «يېۋىلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»، مۇلازىمەت كۆزنىكىنىڭ «ئىشىكتىن كىرىش ئاسان بولۇش، چىرايى ئوچۇق بولۇش، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش» «تەيجى گۇمپىسى ئويناش» «ئىتتىرىش، ئايلاندۇرۇش، سۆرەش» قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھازىر دەرھال تۈزەيدىغان مەسىلە قىلدى؛ تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئۆي ساھەسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىنىڭ تېگى - تەكتى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى بىلگەن ھامان تۈزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى بىرىنچى تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئۆگىنىۋاتقان ئورۇنلار شارائىتى ھازىرلانغان مەسىلىدىن 615نى چىڭ تۇتۇپ تۈزەتتى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى باش تېما تەربىيەسى بويىچە سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىن جەمئىي ئالتىنى ئەۋەتىپ، بىرىنچى تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان 54 ئورۇنغا قارىتا سەييارە يېتەكچىلىك ئېلىپ باردى، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسى لايىھەسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، مەزمۇنى ئۆلچەمگە يەتمىسە ماقۇللىماسلىق، لايىھەسى پىشىپ يېتىلمىسە يىغىن ئاچماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن خىزمەتنى يېرىم يارتا قىلىش، ھەرىكەتنى ئۆزى تاللاپ شەكىلۋازلىق قىلىش، لايىھە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئادەتتىكىچە، يۈزەكى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. بىڭتۇەن 1- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈنلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يۈزەكى كۆزىتىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرمەي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلە ھەل قىلمايدىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قەتئىي توختىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ سۈپەتلىك، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى دىققەتنى ھازىرقى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كەنت ئاھالە كومىتېتى تايانچ قوشۇنىنى كۈچەيتىپ قۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈشكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتتى؛ تىزىملىككە تىزىلغان 589 ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتىغا قارىتا، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ تۈزىتىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، رايونلۇق، شەھەرلىك تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمى، نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە 53 ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتىنى تەرتىپكە سېلىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تاماملاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى