تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئابدۇرازاق كارخانىنى تەرتىپلىك باشقۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى، 260 نەپەر مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى - خىزمەتچى، ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇۋاتقان زاكاز تالونلىرى... ئابدۇرازاق مەتتۇرسۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى ئارزۇ باشلانغان جاي، ئۇ مىننەتدارلىق قەلبى بىلەن تىرىشىپ تىجارەت قىلىپ كارخانىنى باشقۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتدىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

 پىششىقلاش زاۋۇتى ناھايىتى تېزلا قۇرۇلۇپ بولدى

6- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىشقا چىقىش بىلەنلا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى سىيۈەن نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسى ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىدا ھەربىر ئىشچىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى، چۈنكى بۈگۈن مائاش تارقىتىلىدىغان كۈن ئىدى. گۆھەرنىسا مەتتۇرسۇن مائاشىنى ئېلىپ، يانچۇقىغا ئاۋايلاپ سالدى. ئۇ ھالۇ ئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولدى.

ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى بۇ يىل 1- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، 260 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇ يېزىدىكى دېھقانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 60 نەچچە نەپىرى نامرات ئاھالە ئىدى.

زاۋۇت مەسئۇلى ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: زاۋۇتتا ئاينىڭ بېشىدا مائاش تارقىتىلىدۇ، بۇ ئايدا بالدۇرراق تارقاتتۇق، مالىيە بۆلۈمىدىكى خادىملار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ كۆپچىلىكنىڭ مائاشىنى بالدۇرلا ھېسابلاپ چىقتى، پات ئارىدا بايرام ئۆتكۈزىمىز ئەمەسمۇ.

بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن ئابدۇرازاق بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى پۈتكۈزدى، ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلىدى، قانۇن ئۆگەندى، يەنە كارخانا باشقۇرۇشنى سىستېمىلىق ئۆگەندى، ئۇ ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىدە ياڭاق ساتقان بولۇپ، خېرىدار مەنبەسى بار ئىدى، ئەمما زاۋۇت قۇرۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، زاۋۇت ئۆيى سېلىش، ئىشچى - خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا ناھايىتى كۆپ قوزغىتىش مەبلىغى كېتەتتى.

1- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئۇ قايتا - قايتا ئويلىنىپ، بۇزاق يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىكۇينى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئويى ۋە قىيىنچىلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ جىكۇي مۇنداق دېدى: بىز تەتقىق قىلىپ باقايلى، تېزلا سىزگە جاۋابىنى بېرىمىز.

ئابدۇرازاقنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغىنى شۇ بولدىكى، بۇ «تېزلا» ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى تېز بولدى. يېزىلىق پارتكوم كېچىلەپ يىغىن ئېچىپ بۇ ئىشنى بېكىتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئابدۇرازاققا نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر ئېغىز چوڭ زاۋۇت ئۆيىنى ئۈچ يىل ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغانلىقىنى، ئىشچىلارنى يېزىدىكى ھەرقايسى كەنتلەردىن ياردەملىشىپ قوبۇل قىلىشىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قىلىمەن دەپلا قىلىپ، ئابدۇرازاق ئۈچ كۈندىلا بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولدى. سانائەت باغچە رايونىدىكى يول، سۇ، توك، ئاشخانا قاتارلىقلار تولۇق يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، قىلىدىغان ئىش زاۋۇتنىڭ ئىشىكتىن كىرگەن يېرىگە بىر ئىشخانا ئايرىپ چىقىش، يەنە خىزمەت سۇپىسى، تارازا، سېۋەت قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش، پەردە ئېسىش ۋە دەرۋازا ئورنىتىشلا ئىدى، ئۇ 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن پۇل بىلەن ھەممە ئىشنى پۈتكۈزدى.

1- ئاينىڭ 26- كۈنى، ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار تەق بولدى، ياڭاق ئۈزۈلمەي توشۇپ كېلىندى، ئىشچىلار يۇيۇپ، چېقىپ، ياڭاق مېغىزىنى چىقىرىپ، ئوخشاش بولمىغان سورت دەرىجە ئۆلچىمى بويىچە ئايرىپ، يەشىككە قاچىلاپ ئىنچىكە پىششىقلاش خېرىدارلىرىغا سېتىپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى ئىزىغا چۈشتى، 5 - ئايدا 120 توننا ياڭاق مېغىزى ئىشلەپچىقىرىلىپ، يېڭى ئىش باشلىغان چاغدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى.

 ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلىدى

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىگەنلىكىگە رەھمەت، بىزنىڭ پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشىمىزغا شارائىت يارىتىپ بەردى، يەنە بىزنىڭ كەسىپنى كېڭەيتىشىمىزگە ياردەم بەردى.» ئابدۇرازاقتا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلىدى.

2017- يىلى، ئابدۇرازاقنىڭ ياڭاق سودىسى بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى − ئىچكىرىدىكى خېرىدارلارنىڭ ياڭاقنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئۆسۈپ، يەنە دەرىجىگە ئايرىيدىغان بولدى. ئۇ پەقەت پۇتۇڭخۇادا ئاددىي سۆزلەرنىلا قىلالايدىغان بولۇپ، بەزى تەلەپلەرنى چۈشىنەلمەي، بەزى خېرىدارلارنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئەسلىدىكى پەقەت مال كىرگۈزۈش، مال ئەۋەتىشتەك ئاددىي سودا - سېتىقمۇ تەسلەشتى، بۇ ئۇنى بەكمۇ تەشۋىشلەندۈردى.

ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ئۇ ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگەندى، ئوقۇتقۇچى كۈندە بەرگەن تاپشۇرۇق كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ قايتا - قايتا مەشىق قىلىپ، ھەرقانداق بىر ئېغىز تىلى مەشىق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارى ناھايىتى تېز ئۆستى.

زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى مال ساتقۇچىسى ۋە تېخنىكى بولدى. ئۇ خېرىدارلار بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ مال ئەۋەتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ پايدىسىنى خېلى ئاشۇردى.

«تۇرمۇشتا پۇتۇڭخۇادا سۆزلەشنى بىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى ئابدۇرازاق. بۇ يىل 4- ئايدا، ئۇ ئانىسىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، ئانىسىنىڭ ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئۇ باشتىن - ئاخىر ھەمراھ بولۇپ، دوختۇر، سېسترالار بىلەن ناھايىتى راۋان پىكىر ئالماشتۇردى.

«ئىلگىرى مېنىڭ جەمئىيەتتىكى بەزى كۆز قاراش، ھادىسىلەرگە بولغان تونۇشۇمدا ئېغىش بار ئىدى، قانۇن ئۆگەنگەندىن كېيىن نۇرغۇن داۋلىلارنى بىلىۋالدىم.» ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: قانۇن بىلىملىرى يەنە مېنىڭ ئوڭۇشلۇق تىجارەت قىلىشىمغا، كارخانىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىمغا ياردەم بەردى.

ئىلگىرى خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىش، سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتا، ئابدۇرازاق قارشى تەرەپ بىلەن ئاغزاكى كېلىشىم تۈزەتتى، بەزى تالاش - تارتىش قىلىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا، ئېنىق چۈشەندۈرەلمەيتتى، ياخشى ھەل قىلالمايتتى. ھازىر ھەربىر زاكازنى سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكار ھالدا قارشى تەرەپ بىلەن توختام تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولدى. «مەن زاۋۇتقا مەسئۇل بولۇشۇم، كۆپچىلىككە مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك» دېدى ئۇ.

شۇنچە چوڭ زاۋۇت، شۇنچە كۆپ ئىشچى، ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان كەسىپ مىقدارىنى باشقۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، لېكىن ئابدۇرازاق كارخانىنى تەرتىپلىك باشقۇردى. «مەن تەربىيەلەش مەركىزىدە كارخانا باشقۇرۇشنى ئۆگەندىم، بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن زاۋۇتنى ياخشى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن، كۆپچىلىك ئاندىن ماڭا ئىشىنىدىكەن» دېدى ئۇ.

 كۆلەمنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى ئويلاشتى

سۆھبەت ئارىلىقىدا، ئابدۇرازاقنىڭ يان تېلېفونى توختىماي جىرىڭلىدى. تېخى تۈنۈگۈن 20 توننا ياڭاق مېغىزى زاكازىنى سۆزلەشكەنىدى، قارشى تەرەپ توختام تۈزۈش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن تېلېفون بەرگەنىدى؛ گۇاڭجوۋغا ئەۋەتىلىدىغان يەنە بىر زاكازنىڭ دەرىجىسى ۋە باھاسىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك ئىدى؛ يەنە بىر تېلېفون خېرىدار لاۋليۇدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ: «ياخشى مېغىز (ياڭاق مېغىزى) بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئابدۇرازاق: «ناھايىتى كۆپ، كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ» دېدى.

چۈشتە، يەنە خېرىدار كەلدى. شەنشىدىكى بىر ئىستىراھەت يېمەكلىكى پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى لى مەنتۇن زاۋۇتقا كېلىپ بىر تەرەپتىن مال تەكشۈرگەچ ، بىر تەرەپتىن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئابدۇرازاق ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. «بىز ئاساسلىقى ياڭاق ئىچىملىكى ئىشلەپچىقىرىمىز، ياڭاقنىڭ سۈپىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى، ئۆلچەمنى ئۆستۈرسەك ئىككىلا تەرەپ نەپكە ئېرىشىمىز، پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ پايدىسىنى مۇناسىپ ھالدا %10تىن كۆپرەك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، پەقەت سۈپەت مۇقىم بولسىلا، كېيىنكى يېرىم يىلدا بىز بۇ يەردىن 200 توننا ياڭاق مېغىزى يىغىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى لى مەنتۇن.

كارخانىنىڭ زاكاز مىقدارىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. خىزمەتچى ھەبىبە سايىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى مائاش ئېلىشقا تىرىشىمەن.

ئارزىگۈل مەمتىمىن بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھەر كۈنى موتوسىكلىت مىنىپ ئىشقا بارىدۇ، چۈشتە زاۋۇت سانائەت رايونىدىكى ئاشخانىدا كۆپچىلىككە ئىش تامىقى زاكاز قىلىپ بېرىدۇ. «ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئىشقا بېرىش قولايلىق ئىكەن، ئاتا - ئانامنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايدىكەنمەن» دېدى ئۇ.

ۋاڭ جىكۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇزاق يېزىسىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئاران 0.9 مو، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى كۆپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋاقتى قىس، شۇڭا بىز كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق».

يېزىنىڭ زور كۈچ بىلەن يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئابدۇرازاق يەنە كۆلەمنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ئاقما لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلاشتى.

«مېنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى نىشانىم: يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئېتىراپنامىسى بېجىرىپ، ياڭاق قىستۇرۇلغان چىلان ۋە سوقماق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش» دېدى ئۇ.

ئابدۇرازاقنىڭ ئالدىراش ھالىتىنى كۆرۈپ ۋاڭ جىكۇي ئىنتايىن خۇش بولدى. «كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى پۇقرالارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ھەقىقىي كۆزلەپ، يېزىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى