تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەسىرلىك مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن - دۇڭسەن رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئەيساجان مەمەت

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر.

مەن بورتالا شەھىرىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدىن كەلگەن، شىنجاڭدا تۇغۇلدۇم، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، ھەر ۋاقىت جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجە - ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەت ھالقىغان، قانداشلىق ھالقىغان، رايون ھالقىغان قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتتى، كۆپچىلىك تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بېيىش، تەرەققىياتنى بىرلىكتە پىلانلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - ئىناقلىقىنىڭ تەسىرلىك مېلودىيەلىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياڭراتماقتا.

مېنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنىم پېنسىيەگە چىققان كادىر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ شۆباۋ، بۇ يىل 72 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن - دۇڭسەن رايونى سابىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى. 2017- يىلى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، مەن جاڭ شۆباۋ بوۋاينىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېنىدا ئەمەسلىكىنى بىلىپ، پات - پات ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، مۇڭدىشىپ تۇردۇم. بۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن بىلدىمكى، جاڭ شۆباۋ بوۋاي مىچۈەن - دۇڭسەن رايونىدا بىر ئۆمۈر خىزمەت قىپتۇ، مىچۈەن - دۇڭسەن رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىي ئەھۋالىنى ناھايىتى چۈشىنىدىكەن. جاڭ شۆباۋ بوۋاي ھەم ئۇ تونۇشتۇرغان پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار ئارقىلىق مەن مىچۈەن - دۇڭسەن رايونىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا ئۇلار ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ساداسى ۋە ئارزۇلىرىنى يەنىمۇ چۈشەندىم، مېنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشۇمغا ياردىمى ناھايىتى زور بولدى. جاڭ شۆباۋ بوۋاي گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن مىچۈەن - دۇڭسەن رايونىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر كۈنى خەۋەر كۆرىدىكەن. مىچۈەن - دۇڭسەن رايونىدا ئەمەلىيلەشكەن يېڭى سىياسەت، تەرەققىيات يېڭى تەپەككۇرى بولسىلا، ئۇ مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، مۇھاكىمە قىلىدۇ، خىزمىتىمدە يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، يەنە نۇرغۇن ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مېنىڭ خىزمەت تەپەككۇر يولۇمنى ئېچىشىمغا ياردەم بەردى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ئەۋلادلىرىمىزغىچە داۋاملاشتى، ھازىر ھېيت - بايرام بولسىلا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا ئۆيلىرىمىزگە بېرىپ جەم بولۇشۇپ، ئۆزئارا ھال - ئەھۋال سورىشىپ تۇرىمىز.

«ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.» بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دىققەتنى باشتىن - ئاخىر باش نىشانغا چىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ ياخشى ھالەت، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى