تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى رۇەنشى جىنيىن بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 12- كۈنى خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى رۇەنشى جىنيىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ رۇەنشى جىنيىنغا باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام «يولداش ھەم قېرىنداش»، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. كېلەر يىلى جۇڭگو - ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەلەر ئالاقىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ۋەزىيىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەلئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇق مەشئىلىنى يەتكۈزۈش كېرەك. ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق دېڭىز تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلاشتۇرۇش - ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تەپەككۈر يولى ئاچتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەلرايىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتلەردە كۆپرەك خىزمەت ئىشلەپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇەنشى جىنيىن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دۆلىتى، خەلقى باشتىن - ئاخىر جۇڭگولۇق يولداشلارنىڭ ئىلگىرى بەرگەن ھەم ھازىر بېرىۋاتقان قىممەتلىك مەدىتى ۋە ياردىمىنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگولۇق يولداشلارنىڭ چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم تەرەققىيات نىشانىنى تاماملىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ۋىيېتنام - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ چېن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.