تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر نىيەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلدى، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى «ھەيۋەتلىك» تۈسكە كىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ جيەنگاڭ، فۇ شياۋبو، ليۇ بىڭ

بۈگۈنكى كۈندە، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىلىدىغانلار تېخى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن يەرلىكتىكى ئاھالىلەر مىسلىسىز لەززەتتىن بەھرىلەنمەكتە:

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان خوتەن دېھقانلىرى دائىم ئاغزىدىن بېيجىڭ، تيەنجىن دېگەن سۆزنى چۈشۈرمەيدۇ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرى، ئۆينىڭ ئىچى - تېشى ھەممە يەردە ئىككى چوڭ مەركىزىي شەھەرنىڭ ئېلېمېنتلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ؛

ئەۋلادمۇئەۋلاد تارىم ئويمانلىقىدا تېرىقچىلىق قىلىپ كەلگەن دېھقانلار كارخانىلارنىڭ كەينى - كەينىدىن بوستانلىقلارغا ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، سانائەت ئاقما لىنىيەسىدە ئىشلەيدىغان بولدى، ئەمدى دېھقانچىلىققىلا تايىنىپ قالمايدىغان بولدى؛

تىيانشاننىڭ ئېتىكىدە ياشاپ، ئەزەلدىن يىراق يەرگە بېرىپ باقمىغان چارۋىچىلارنىڭ بىردىنلا جياڭسۇلۇق، فۇجيەنلىك «يىراقتىكى تۇغقان»لىرى بار بولدى، ئۇلار نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ «تۇغقان يوقلاپ»لا قالماستىن، يەنە ئىلغار تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەرنى ئېلىپ قايتتى؛

...

بەخت، خاتىرجەملىك مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي يېتىپ كەلدى! بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيدان داغدۇغىلىق دۆلەت ھەرىكىتىدىن كەلدى، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق تارىخىي پۇرسەتتىن كەلدى.

2010- يىلى باھاردا، مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشلاندى، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ قاتارلىق 19 ئۆلكە، شەھەر ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكىلەر بىلەن قول تۇتۇشتى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2014- يىلى ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈپ نىشانى قىلىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئون يىل مابەينىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 87 مىڭ 500دىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساسلىقلار غەربكە يۈرۈش قىلىپ، تىيانشاندىن ھالقىپ، شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا قان - تەرىنى ئاققۇزۇپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى؛ 120 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ قۇملۇقتىكى بوستانلىقلارغا، قارلىق دالىدىكى ئېگىزلىكلەرگە سېلىنىپ، شىنجاڭ تۇپرىقى يېڭى تۈسكە كىردى، تاغ - دەريالار گۈزەللىككە تولدى.

ۋەتەننىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش

ھەممە قەلب بىر ئىشنى ئويلىدى     ھەممە كۈچ بىر يەرگە ئىشلىتىلدى

يېقىندا، قەشقەردىن گۇاڭجوۋغا قايتىپ بارغان جۇڭشەن داشۆ سۈن يىشيەن خاتىرە دوختۇرخانىسى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى دى نا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كىنوخانىغا بېرىپ «سەرگەردان يەر شارى» فىلىمىنى كۆردى. ئېكراندا «قەشقەر پونكىتى رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلدى» دېگەن خەتلەر كۆرۈنگەندە، يېنىدىكى سەككىز ياشلىق چوڭ ئوغلى: «ئانا، سىزنىڭ قەشقەرىڭىز» دەپ ۋارقىرىغاندا، ئۇنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن سوقتى.

2018- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 3- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دى نا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئۇلترا ئاۋازلىق تېببىي ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمىدە مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىر يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەپىرىنى باشلىدى. يولغا چىقىش ئالدىدا ئۇ بىر ياش ئىككى ئايلىق بولغان بالىسىنى ئېمىتىشتىن ئايرىدى.

دەسلەپ قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇ بۇ جاينىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ گۇاڭجوۋنىڭكى بىلەن پەرقىنىڭ چوڭلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى: تېخنىكىسى ئارقىدا قالغان، ئىختىساسلىقلار كەمچىل، ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىشى ئىنتايىن چەكلىك... شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى − يەرلىكتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىدىيەنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايغا ئېلىپ كېلىش. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا بىر كۈن تۇرىدىكەنمەن، بىر كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن».

بۇمۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىز قالدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەربىر كادىرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

2011- يىلى، ئەينى چاغدىكى نەنجىڭ داشۆسى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋەن چاۋلىن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تاللاپ ئەۋەتكەن 7- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر سۈپىتىدە شىنجاڭغا كەلدى. يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۇنىڭ ئۇستازى، نەنجىڭ داشۆسى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى فەن جىنمىن مۇنداق دېدى: «مەن سىزنىڭ بېرىشىڭىزنى قوللايمەن، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى بولمىسا، بىز شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تىنچلىق تەنتەنىسىمۇ بولمايدۇ».

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مەزگىلدە، ۋەن چاۋلىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەش تەتقىقات مەركىزى» «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭ تەتقىقات مەركىزى» «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ مانجۇ يېزىقىدىكى ئارخىپلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش» قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى پىلانلاپ تۇرغۇزۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ بۇ تۈردىكى تېما تەتقىقاتى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2017- يىلى، ۋەن چاۋلىن نەنجىڭ داشۆسىگە قايتىشتىن ۋاز كېچىپ، تارىم داشۆسىگە رەسمىي يۆتكىلىپ كېلىپ، مەكتەپ مۇدىرى ياردەمچىسى بولۇپ، ئائىلىسىنى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە ماكانلاشتۇرۇشنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تەتقىقاتنى ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن قىلاتتىم، شىنجاڭدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈندۇر، شىنجاڭدا تۇرغاندىلا، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ».

تۈركۈم - تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تۈمەن چاقىرىملىق چېگرا رايوندا تەر تۆكۈپ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قالتىس يۆگىمە رەسىمىنى قالدۇردى. خېنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ليۇ جىخۇەي ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كېلىپ، توققۇز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان «رەقەملەشكەن مەكتەپ ھويلىسى»نى قۇرۇپ چىقتى ھەم قومۇل بويىچە تۇنجى كەسىپلەر تەتقىقات يۇرتىنى قۇرۇپ چىقتى؛ تيەنجىن شەھىرىدىن 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر شى شىمىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيانقى 581 كۈندە، كېرىيە ناھىيەسىدىكى 100دىن ئارتۇق كەنتتە ئاياغ ئىزىنى قالدۇرۇپ، تاكى ھاياتى ئاخىرلاشقىچە شۇ جاينىڭ خېرىدار چاقىرىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى.

ئون يىل جەريانىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە جەمئىي 120 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن 17 مىڭ 500 ئادەم قېتىم تاللاپ ئەۋەتىلدى، يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلار تەخمىنەن 70 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى. ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئەقىل - پاراسىتىنى بېغىشلىغان، ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قۇدرىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇردى.

شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇش

ھەر مىللەت ئاممىسى تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتى

بۈگۈنكى كۈندە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبى گىرۋىكىدىكى كونا شەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرىنىڭ 7- كەنتىگە كىرسىڭىز، ئىلگىرىكى «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشى توپىغا مىلىنىپ كېتىدىغان، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئاياغلار پاتقاققا مىلىنىپ كېتىدىغان» قۇم - توپا يوللارنىڭ ئورنىنى ئاسفالت يوللارنىڭ ئالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئاسفالت يولدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۇاڭدۇڭنىڭ قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىپ قوللىشى بىلەن، كەنتتە مەدەنىيەت مەيدانى، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، خەلققە قولاي تاللا بازىرى تولۇق يۈرۈشلەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئۆيلىرىدە سۇ، توك، پار، گاز، ھاجەتخانىنىڭ ھەممىسى تەل بولدى.

«ھازىرقى ئۆيلەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇپ يەنە يامغۇر ئۆتمەيدۇ، قىشتا تەبىئىي گاز بار، ھاجەتخانا ئۆينىڭ ئىچىدىلا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۇرمۇشىمىزنى لەززەتكە تولدۇردى» دېدى ئوغۇساق بازىرى 7- كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېشىت مەمەت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئاندىن ئەلرايىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكى ناھىيە (شەھەر) ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا ئىشلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى بىلەن بىخەتەر ئىچىملىك سۇ، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق تۈركۈم - تۈركۈم ئاممىۋى ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلدى، بۇنىڭدىن 10 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما مەنپەئەتلەندى. ئاسفالت يول، مەكتەپ، مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار شىنجاڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كەنتلەرنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سى بولۇپ قالدى.

ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر دىققىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارغا سالدى. شىنجاڭنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى كۈنسېرى كۈچەيدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئېغىر نامرات رايون، تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئارتۇق ئەمگەك كۈچى كۆپ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «قان بېرىش»تىن «قان ئىشلەش»كە يۈزلەندى، ئىلغار ئىدىيە، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا - ماھارەتلەرنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدى، توقۇمىچىلىق ئىشچىسى، قۇراشتۇرۇش تېخنىكا ئىشچىسى، تور ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ، يېڭى ئىش تۈرلىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدا تەدرىجىي كۆپلەپ بارلىققا كەلدى.

قەشقەر شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدا 382 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يورۇق، ئازادە بولغان ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيلىرى چۆل - جەزىرىدە قەد كۆتۈردى، شېنجېن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە 83 كارخانىنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى 13 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى. بەش يىلدا توقۇمىچىلىق ئىشچىسىدىن زاۋۇت باشلىقى ياردەمچىسىگە ئۆسكەن ئاينۇر ئىمام مۇنداق دېدى: «ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا قۇرۇلغان زاۋۇت تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى، مېنى ئائىلە ئايالىدىن كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا ئايلاندۇردى».

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇزاقتىن بۇيان داۋالاش بايلىقى كەمچىل بولۇپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش»نى ھەل قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جىددىي تەقەززاسى ئىدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قوللىشىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدا «ئېغىر كېسەللەر ناھىيەدىن چىقماسلىق، ئادەتتىكى كېسەللەر يېزىدىن چىقماسلىق» تەسەۋۋۇرى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2016- يىلىدىن باشلاپ، جياڭسۇ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆلكە قارىمىقىدىكى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاش تايانچلىرىنى تاللاپ ئۆمەك تەشكىللەپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق (قىسقارتىلىپ «قىزىلسۇ ئوبلاستى» دېيىلىدۇ) خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىشكە نەچچە تۈركۈم ئەۋەتىپ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش - قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق قەلبىنۇر جياڭسۇ ئۆمەك تەشكىللەپ داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يولغا قويغان «قەلب ئىللىتىش پىلانى»نىڭ 121- مەنپەئەتلەنگۈچىسى. يېقىندا، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، كۆپ ئىچكى ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلەشكەنىدى. جىددىي پەيتتە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جياڭسۇ ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى توققۇز دوختۇرخانىدىن 40 نەچچە مۇتەخەسسىسنى جىددىي يۆتكەپ، ئۇنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋالدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تېببىي تەسۋىر دىياگنوزى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇش ئارقىلىق، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ گۇاڭدۇڭدىكى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى داۋالاش قوشۇنىنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە دىياگنوز قويۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، ھەرقايسى يېزىلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» بەرپا قىلدى.

مائارىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى. 2010- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر مائارىپقا جەمئىي 20 مىليارد 559 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قوش تىل يەسلىسى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىقلاردىن 1700دىن ئارتۇقنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇشنى قوللاپ، قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى پائال ئالغا سىلجىتتى.

نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئوقۇتۇش - تەتقىقات خىزمەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، دۆلەت ئورتاق تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار سانى يېتەرلىك بولماسلىق، مائارىپ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، شەندۇڭ 2018- يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان «يۈز، مىڭ، ئون مىڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويدى: شەندۇڭدىكى 100 مەكتەپ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى 100 مەكتەپ بىلەن قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش؛ ئۈچ يىل ئىچىدە شەندۇڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈرى بويىچە قەشقەردىن 1000 ئوقۇغۇچىنى نىشانلىق قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىش؛ تاللاپ ئەۋەتىش ۋە توردا تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۈچ يىل ئىچىدە شەندۇڭدىكى 10 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى قەشقەرگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش، نۆۋەتتە نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى 7000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈش

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش كۈنسېرى قويۇقلاشتى

«مېنىڭ خۇنەنلىك بىر ياخشى دادام بار. چۈنكى ئۇ ماڭا دادا مېھرىنى قايتا ھېس قىلدۇردى، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى قەلبىمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.» بۇ، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى زۇبەيدە ئىمىرنىڭ يۈرەك ساداسى.

ئۇ ئېيتقان «خۇنەنلىك ياخشى دادا» دەل خۇنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، پىچان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يىن لىشىن. 2014- يىلى 5- ئايدا، «دادا - قىز» ئىككىيلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى. زۇبەيدە ئىمىرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىككى بالىنى يالغۇز بېقىۋاتقانلىقىنى، مۇقىم كىرىم مەنبەسىنىڭ يوقلۇقى ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يىن لىشىن يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، زۇبەيدە ئىمىر ئائىلىسىگە دائىم گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆمۈر ئاپىرىپ بەردى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەملەشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم چوڭ بايراملاردا، ئۇ يەنە زۇبەيدە ئىمىر ئائىلىسىگە ھال سوراش پۇلى ئاپىرىپ بەردى. يىن لىشىننىڭ خوتۇنى ھەر قېتىم ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇ خوتۇنىدىن خۇنەندىكى يۇرتىدىن بالىلارغا يېڭى كىيىم سېتىۋېلىپ ئالغاچ كېلىشنى تەلەپ قىلدى. يىن لىشىننىڭ بەش يىل ئۇدا مېھىر - شەپقەتلىك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بىلەن، زۇبەيدە ئىمىر ئائىلىسىدىكىلەر ئىقتىسادتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى؛ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكى، مەدەنىيەت ئۆمىكى، داۋالاش ئەترىتى، دېھقانچىلىق پەن - تېخنىكىسى ئەترىتى قاتارلىق ياردەم بېرىش قوشۇنلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋەتتى؛ نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى كادىرلار، دوختۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىشكە، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئۆزئارا يېقىنلىشىش جەريانىدا، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھېسسىياتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى.

«مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭ رايون ئىچىدىكى ئىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭ بىلەن باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ قاراش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان نۇرغۇن كادىرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

غەربىي شىمالدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان شىنجاڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى فۇجيەننىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىدە، ئىككى جايدىكى كەنتلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «تۇغقان» بولالىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.

2018- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن بازىرى ئەرشىلىدەن كەنتى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق بەرپا قىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىزىل ساياھەتتىكى «داڭلىق جاي» فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭدې شەھىرى شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسى شياداڭ كەنتى بىلەن پارتىيە ياچېيكىلىرى قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى.

بۇ يىل 6- ئايدا، ئەرشىلىدەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن نىياز كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىنى باشلاپ ئالايىتەن شياداڭ كەنتىگە بېرىپ تۇغقانلىشىپ، قوشماقلىشىپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرى، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى. ئەركىن نىياز مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئەرشىلىدەن كەنتى قۇدۇقنىڭ تېگىدە تۇرۇپ ئالەمنى كۆزىتىدىغان ئەرشىلىدەن ئىدى، شياداڭ كەنتى بىلەن قوشماقلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قانداق بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كاللىسى ئېچىلدى، بېيىش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق بولدى، ئىشەنچىسى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەلئارا ئالماشتۇرۇشىمۇ كۈنسېرى كۆپەيدى:

− لياۋنىڭ ئۇدا بەش يىل لياۋنىڭ·شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر قول تۇتۇشۇش يازلىق (قىشلىق) لاگېر پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئاز سانلىق مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى لياۋنىڭدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن زىيارەت قىلىپ ئوقۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

− جېجياڭ «تۈمەنلىگەن مىكرو ئارزۇنى يورۇتۇش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى توپلىدى، جېجياڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۈستىگە ئېلىپ نەقلەشتۈرۈپ، ياردەم بەرگۈچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ قەلبلىرىنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكىنى سالدى.

− گۇاڭدۇڭ قەشقەردە كۆپ مەيدان ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، پائالىيەتكە بىۋاسىتە قاتناشقانلار 3000دىن ئاشتى.

− بېيجىڭ «مېنىڭ بېيجىڭدا بىر ئائىلەم بار» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى 700 جۈپكە يېقىن ئاتا - ئانا خوتەندىكى بالىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر جەمئىي 3 مىليارد 789 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى 15 مىڭ مەيدان قېتىمغا يېقىن تەشكىللەپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ۋە ياردەم بېرىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئالاقىلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئورتاقلىقى، مەدەنىيەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتىكى ئارىلىشىشىنى كۈچەيتكەن.

ئون يىلدا، پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىن ئالتاي تېغى ئېتىكىگىچە، پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ پۇقرالار دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ياردىمىدە ھەل بولدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولۇشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرى تىللاردا داستان بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىغا ئويۇلغان بىر پارچە مېھىر - مۇھەببەت ئىسىم كارتىسىغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان سۈزۈك بۇلاققا ئايلاندى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى