تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شەنشى تەيبەي: ئېگىز تاغدا پەسىلسىز كۆكتات ئۆستۈرۈشتىن دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى

دېھقانلار تەيبەي ناھىيەسى جۈتوۋ بازىرى تاڭكوۋ كەنتىدە كۆكتات يىغماقتا (7-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن ئاشىدىغان تەيبەي ناھىيەسى شەنشى ئۆلكىسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ناھىيە. بۇ ناھىيە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېگىز تاغلىق رايوندا پەسىلسىز كۆكتات ئۆستۈرۈشنى ناھىيە بويىچە يېتەكچى كەسىپ قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2018-يىلى، تەيبەي ناھىيەسىدە ئېگىز تاغ كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمى 102 مىڭ 600 مو (ئېڭىز تېرىلغۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا يەتتى، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 480 مىليون يۈەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 438 يۈەنگە يەتتى. (شاۋ رۇي فوتوسى)

تەيبەي ناھىيەسى جۈتوۋ بازىرى جۈتوۋجيې كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سۈن چىڭچېڭ ئېتىزدا شياڭجياۋ سەي كاۋىسى ئۈزمەكتە (7-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

تەيبەي ناھىيەسى لۈلېي يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئەي كېپىڭ پارنىكتا كۆكتات مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (7-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

تەيبەي ناھىيەسى جۈتوۋ بازىرى تاڭكوۋ كەنتىدە، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ جىگو(ئوڭدا) بىر كارخانا مەسئۇلى بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (7-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى