تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

  گۇاڭدۇڭلۇق ئوقۇرمەن جى خانىم مۇنداق سورىدى: مەن بۇ يىل 21 ياشقا كىردىم، داشۆدە ئوقۇيمەن، تېنىم بىر قەدەر ئاجىز، يۈگۈرۈش ئارقىلىق بەدەن ساپايىمنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلايمەن. بىراق توردىكى تونۇشتۇرۇشلارغا قارىسام، يۈگۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ئىكەن، قانداق يۈگۈرۈش سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ؟

  جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا بوغۇم تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋراچى چېن يۈشيەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يۈگۈرۈش بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ناھايىتى ياخشى ۋاسىتە، لېكىن قانداق يۈگۈرۈشكە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، يۈگۈرۈشتە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈچلۈكلۈك ۋە كونكرېت ئۇسۇلنى بەلگىلەش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا تايىنىش كېرەك. ھەر بىر يۈگۈرۈپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەك.

  1. سىرتتا يۈگۈرۈشتە ھاۋا شارائىتىغا دىققەت قىلىش، ھاۋا سۈپىتى ياخشى ئەھۋالدا يۈگۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  2. يول بويىدا يۈگۈرۈشكە بولمايدۇ. بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يول بويىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەن چېنىقتۇرمىغانغا باراۋەر ئىكەن، ئادەم تېخىمۇ ساغلام بولۇش نىشانىغا يېتەلمەيلا قالماستىن، يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىكەن.

  3. يۈگۈرۈش بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دائىم مەشىق قىلىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە يۈرەك رېتىمىنىڭ نورمالسىز بولۇش خەۋپ-خەتىرى ئارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا يۈگۈرۈپ چېنىقىشنىڭ يېرىم سائەتتىن بىر سائەت ئەتراپىدا بولۇش تەكلىپىنى بېرىمىز. مارافونچە يۈگۈرۈش ۋاقتى ئادەتتە بىر سائەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

  4. ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن ئۆيدە P M 2.5 كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا چېنىقىش ئۆيىدە يۈگۈرۈش ناھايىتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  5. يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا يۈگۈرگەندە ۋە بىر جۈپ قوغداش تىپىدىكى تەنھەرىكەت ئايىغى كىىيگەندە، تىز بوغۇمىنىڭ زەربىسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، بوغۇمنى ئاسراشتا ناھايىتى ياخشى رولى بار.

  6. مۇۋاپىق كۈچ مەشىقى، مەسىلەن، پەلەمپەيدىن چىقىش (پەلەمپەيدىن چۈشۈش ئەمەس) ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش-تۇرۇش قاتارلىقلار ھەرىكەتلەر مۇسكۇللارنى كۈچەيتىپ، بوغۇملارنى ئاسرايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر يۈگۈرگەندىن كېيىن تىز بوغۇمى ئاغرىيدۇ، ئەمەلىيەتتە بوغۇم زەخمىلەنمەستىن، بەلكى تىز بوغۇمى ئەتراپىدىكى پەي ۋە مۇسكۇللار زەخمىلىنىدۇ، پەي زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پەي سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەشتۇر.

  (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى