تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» ساياھەت قاتناش تورىنى بەرپا قىلدى

تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈش چېگرا رايوننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» ساياھەت قاتناش تورىنى بەرپا قىلدى

مۇخبىرلىرىمىز لى لى، شى شىننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» ساياھەت قاتناش تورىنى بەرپا قىلىپ، قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«تېز كىرىش»نى بەرپا قىلىش، «ئاستا ساياھەت قىلىش»نى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز، يېڭى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى ئاساسىي ئوق، تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىشنى ئىككى قانات قىلىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىدىغان، جەنۇب - شىمال راۋان بولغان يول تىرانسپورت مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىپ، رايون ئىچىدىكى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشنى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئەپچىل تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتىپ، قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە قىلىدۇ.

قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭنىڭ تاشيول تىرانسپورتى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2020- 2018)»نى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول قاتناش - تىرانسپورتى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يىرىك پىلانى» «شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورتى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېتەكچى پىكرى» قاتارلىق قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت ئۆلچىمى ھۆججەتلىرىنى تۈزدى.

2019- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى قاتناش - تىرانسپورت بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي شارائىتىنى ئەلالاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 105 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ 72سىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1- دەرىجىلىك) تاشيول، 103ىگە 2- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيولنى تۇتاشتۇردى، بايلىق بوشلۇقىنىڭ تارقىلىشى ۋە ساياھەت مۇلازىمىتى ئېھتىياجى بويىچە «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» تاشيول تورىنى بەرپا قىلدى؛ ساياھەت جەلپ قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، ساياھەت ئۈنۈمى ئەڭ زور ھەم ئۆزىدە ساياھەت قىممىتى ھازىرلىغان G217 لىنىيەسى مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، داڭلىق تاشيول ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى تىكلىدى؛ 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرىدە تورلاشتۇرۇپ بېلەت سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، 3- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرىدە تورلاشتۇرۇپ بېلەت سېتىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇردى، تور، يان تېلېفون APPسى قاتارلىق كۆپ خىل بېلەت سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى گاۋ شيەنگۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يول تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ETCنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، تۈرلەردە ئۈلگە كۆرسىتىپ، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىتىش، يېڭى تاراتقۇ ۋە سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىنى يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، قاتناش، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش، ساياھەت، مەدەنىيەت سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى