تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش − ھەم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى، ھەم پارتىيەمىزنىڭ خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشتىكى غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى.

«مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن ئالاھىدىلىك بىلەن قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ۋە توغرا ئىگىلەش كېرەك.» مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىلىش نەزەرىيەسى يۈكسەكلىكى ۋە مېتودولوگىيە نۇقتىسىدىن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «بەش جۈپ مۇناسىۋەت»نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ماسلىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تېما بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى روشەن دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ئىگە قىلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلىغىلى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى، پارتىيەمىزنى باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋرچانلىقنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، مول ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇش، شۇ ئارقىلىق سۈپەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە تولۇش كېرەك.

ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، «ئورتاقلىق بىلەن خاسلىق» «پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپ» «نىشان يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشى» «قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش» «ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئاچقۇچ يەنىلا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق ياخشى تۇتۇشتا. ئورتاقلىق بىلەن خاسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان پىكىر يولى ۋە تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا قانۇنىيەتلىك تونۇشقا ئۆستۈرۈپ، ئۇنى ئۇزاققىچە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن كەسپىي خىزمەتنى بىرلىكتە پىلانلاش، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نىشان يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەم نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؛ ھەم مەسىلىنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىپ، ئەمەل قىلىپ، ئىجرا قىلىپ، ئاساسىي تۈزۈمدىن باشلاپ چىڭىتىپ، كۈندىلىك قائىدىلەردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئىدىيەۋى تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، شەكىل، ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئاچقۇچنى چىڭ تۇتقاندىلا، ھەممە ئىش يۈرۈشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ «بەش جۈپ مۇناسىۋەت»تە، ھەم پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسىدە چىڭ تۇرۇلغان ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلغان، ھەم يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە ئاساسەن، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىر، يېڭى چارە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى تولۇق نامايان قىلىنغان. بىز «بەش جۈپ مۇناسىۋەت» ئۆز ئىچىگە ئالغان ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەم ھەر بىر جۈپ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز، ھەم «بەش جۈپ مۇناسىۋەت»نى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇنى ئورتاق يۇغۇرۇپ، ھەممىبابلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

«بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك». پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش «بېلى چىڭ بولۇش»قا يېتىش ئۈچۈندۇر، «بېلى چىڭ بولۇش»قا يېتىش تېخىمۇ ياخشى «بازغانچى» بولۇش ئۈچۈندۇر. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭى دەۋر يۈكلىگەن يېڭى بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئالالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى